8- ئايدا، سودا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تۆت تارماق «ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىستېمالچىلار سېتىۋالغان 2- دەرىجىلىك ھەمدە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى سەككىز خىل ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم پۇل بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى جايلار پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويدى، نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلار ۋە سېتىۋالغانلارنىڭ سانى ئايرىم- ئايرىم 20 مىليون ۋە 10 مىليوندىن ئاشتى.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، 20 مىليون 667 مىڭ ئىستېمالچى ئىلتىماس قىلغان، 10 مىليون 134 مىڭ ئىستېمالچى سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىدىن 14 مىليون 624 مىڭ دانە سېتىۋالغان، 13 مىليارد 170 مىليون يۈەن مەركەز ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولغان، بۇ 69 مىليارد 90 مىليون يۈەنلىك سېتىشقا تۈرتكە بولغان.
مەنبە: سودا مىنىستىرلىقى مىكرو خەۋەرلىرى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)