تۇرمۇشتا «بەخت سىزگە يار بولسۇن»، «بەختلىك بولۇڭ» دېگەندەك تەبرىك سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلىتىمىز. ئۇنداقتا، بەخت دېگەن نېمە؟
ھەقىقىي بەخت ئۇزاق مەزگىللىك جەريان. بەخت- تىرىشىپ ئىزدىنىش، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇش ۋە جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشنىڭ نەتىجىسىدۇر.
بەخت ئۆيىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىدا ئەمەس، بەلكى ئۆيىڭىزدىن كۆتۈرۈلگەن كۈلكىنىڭ قانچىلىك تاتلىق بولۇشىدا؛ بەخت قانچىلىك نام چىقارغىنىڭىزدا ئەمەس، بەلكى ئۆيىڭىزگە تىنچ- ئامان قايتىپ كېلىشىڭىزدە؛ بەخت سىزنىڭ قانچە پۇل يىغقانلىقىڭىزدا ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئەركىن بولۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلالىشىڭىزدا؛ بەخت جورىڭىزنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ياكى كېلىشكەن بولۇشىدا ئەمەس، بەلكى جورىڭىزنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمدا؛ بەخت ياخشى يەپ، ياخشى كىيىنىشتە ئەمەس، بەلكى كېسەل ۋە پالاكەتتىن خالىي تۇرۇشتا؛ بەخت سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئالقىش سادالىرىنىڭ قانچىلىك قىزغىن بولۇشىدا ئەمەس، بەلكى قىيىن كۈنلەردە قالغىنىڭىزدا «يېنىڭىزدا مەن بار، غەيرەت قىلىڭ» دېيەلەيدىغان بىرىنىڭ بولۇشىدا؛ بەخت شېرىن- شېكەر گەپلەردە ئەمەس، بەلكى كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ ياش تۆككەن ۋاقتىڭىزدا جۈپتىڭىزنىڭ «ھېچقىسى يوق، يېنىڭىزدا مەن بار» دېيەلىشىدە؛ بەخت سىزنىڭ قانچىلىك يىراققا بارالىشىڭىزدا ئەمەس، بەلكى مەيلى قەيەرگىلا بېرىڭ، يېنىڭىزدا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بىرىنىڭ بولۇشىدا.
كىچىك ۋاقتىمىزدا «كۆپ پۇل تېپىشنى، چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشنى، ئالغۇمىز كەلگەن نەرسىنى ئېلىشنى» بەخت دەپ قارايتتۇق. ئەمەلىيەتتە بەخت ئىچكى دۇنيارىمىزنىڭ راھەت، تۇراقلىق بولۇشىدا ئىپادىلىنىدىكەن، بىز تاشقى دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ھەممىنى كۆڭلىمىزدىكىدەك قىلىپ بەلگىلىيەلمەيمىز، لېكىن ئىچكى دۇنيايىمىزنى قانداق تۇتۇشنى بەلگىلىيەلەيمىز. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بەخت- قەلبنىڭ ئازادىلىكىدۇر.
سىزنىڭ بەختكە بولغان قارىشىڭىز ئاددىيلاشقانسېرى، سىز بەختكە چەكسىز يېقىنلىشىۋاتقان بولىسىز.
بەخت- قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بولۇش، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولۇشتىن ئىبارەت.
ئېينىشتىيىن مۇنداق دېگەن: سىزنىڭ قىلىدىغان مۇۋاپىق بىر ئىشىڭىز بولسىلا، تۇرمۇشىڭىز يەنىلا ئىنتايىن گۈزەل ھېسابلىنىدۇ.
خىزمەت، ئەمگەك، ئۆگىنىش، ھەرىكەت... مەيلى قايسىلا بولسۇن، ئادەم ھامان بىرەر ئىش قىلىشى كېرەك، شۇندىلا كۆڭلى توق تۇرىدۇ، تۇرمۇشى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتىدۇ. شۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش ئېلىپ كەلگەن بەخت تۇيغۇسىنى ھىچنېمىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا ئۈچ چوڭ مېھىر- مۇھەببەت بار: قېرىنداشلىق مېھرى، دوستلۇق مېھرى، سۆيگۈنىگە بولغان مۇھەببەت. قېرىنداشلىق مېھرى قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئىنتايىن شەخسىيەتسىز، جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. دوستلۇق مېھرىنىڭ قوينى تولىمۇ كەڭ، بىزنى ھەر ۋاقىت توغرا چۈشىنىدۇ، قوللاپ تۇرىدۇ. سۆيگۈنىگە بولغان مۇھەببەت بولسا بىر خىل سىرلىق ھەم ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان، كىشىگە كۈچ بېرىدىغان مۇھەببەت. ئۆتكەن كۈنلەر مۇھەببەت بىلەن ئەھمىيەتلىك بىلىنىدۇ، ھايات مۇھەببەت بىلەن گۈزەللىشىدۇ. مۇھەببەتسىز دۇنيا ئېنىقكى قاقاسلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئۈمىد − بىر ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. ئادەم كۆپىنچە ۋاقىتتا بەختكە ئېرىشكەن شۇ دەقىقىدە ئەمەس، بەلكى بەختنىڭ كېلىشىنى كۈتكەن ۋاقىتتا ئۆزىنى ئەڭ بەختلىك ھېس قىلىدۇ. ئۈمىد ئۇرۇققا ئوخشايدۇ، سىز ئۆزىڭىز تېرىغان شۇ ئۇرۇقنىڭ تۇپراقنى يېرىپ چىقىش جەريانىغا گۇۋاھ بولىسىز. ئۈمىد − چوڭقۇر ھاڭغا دەسسەپ تۇرسىڭىزمۇ، يەنىلا سىزنى يۇقىرىغا يامىشىشقا تەلپۈندۈرىدىغان كۈچتۇر.
دوستۇم، «كۆڭلىڭىزدە نېمىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، شۇ ئىشنى ھامان ۋۇجۇدقا چىقىرالايسىز» دېگەن سۆزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ. ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە قەتئىي ئىشەنچ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسىڭىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز، ئۆزىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختكە ئېرىشەلەيسىز.
ھەر بىرىمىزگە بەخت- ئامەت يار بولسۇن، كۈنلىرىمىز خۇشاللىققا تولسۇن.