تۇرمۇش تەسىراتلىرى | نېمە ساتسا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ
12:24:23 2024-10-17 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 ئىقتىسادشۇناس ما گۇاڭيۈەن بەزىلەرنىڭ «كەلگۈسىدە نېمە ساتسا ئەڭ كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟» دېگەن سوئالىغا «بۇ، ياشاش ئۇسۇلىغا باغلىق» دەپ جاۋاب بەردى. لېكىن، كىشىلەر بۇ جاۋابنىڭ تېگىگە تازا يېتەلمىدى.

 ئىلگىرى سودا- سېتىق تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى ياساش، مال سېتىشلا كېلەتتى. شۇڭا، ما گۇاڭيۈەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «سىز ھەركۈنى يېشىل يېمەكلىك يېسىڭىز ۋە بەدەن چېنىقتۇرسىڭىز، باشقىلار ياشاش ئۇسۇلىڭىزنى ناھايىتى ساغلام دەيدۇ؛ مەيدان ئۇسسۇلى ئوينىسىڭىز، لېكسىيە ئاڭلىسىڭىز، ياشانغانلار داشۆسىدە ئوقۇسىڭىز، باشقىلار ياشاش ئۇسۇلىڭىزنى ناھايىتى مودا دەيدۇ؛ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، لىجياڭ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۈتۈنسىڭىز، باشقىلار ياشاش ئۇسۇلىڭىزنى ناھايىتى ئازادە، راھەت دەيدۇ».

 مەسىلەن، لامپۇچكا كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن، شام شاللىنىپ كەتتى، لېكىن ئامېرىكىدا، يانكې شام شىركىتى شامنى ياشاش ئۇسۇلىغا سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، 10 مىليارد دوللارلىق مۈلۈككە ئىگە ماگناتقا ئايلاندى. بۇنىڭغا شىركەت قۇرغۇچىسى مايك كىترىچ 17 ياشقا كىرگەن يىلىدىكى مىلاد بايرىمى سەۋەب بولغان. ئۇ ئانىسىغا مىلاد بايرىمىلىق سوۋغات ئالماقچى بولسىمۇ، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ سېتىۋالغۇدەك پۇلى بولمىغاچقا، ئۆزى سوۋغات ياساپ ئانىسىغا بەرمەكچى بولدى. ئۇ رەڭلىك موم قەلەمنى ئېرىتىپ شام ياساپ، ئانىسىغا سوۋغا قىلماقچى بولغاندا، قوشنىسى ناھايىتى چىرايلىق ياسالغان بۇ شامنى كۆرۈپ بەكلا ياقتۇرۇپ قالغان ۋە سېتىۋالماقچى بولغان ... مايك تۇيۇقسىزلا تۈرلۈك شەكىلدىكى چىرايلىق شاملارنى ياساپ ساتسا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەنى ھەم شىركەت قۇرۇپ مەخسۇس شام ئىشلەپچىقارغان. ئۇنىڭ شام شىركىتى كۆپچىلىككە بىر خىل نەپىس ئائىلىۋى ياشاش ئۇسۇلىنى بېغىشلىغان، شۇنداق قىلىپ، خۇش پۇراق شام ئارقىلىق ئائىلىۋى ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش بىر خىل مودىغا ئايلانغان.

 ئىقتىسادشۇناس لاڭ شيەنپىڭمۇ مۇشۇنداق قاراشقا ئىگە، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئالما شىركىتىنىڭ سېتىۋاتقىنى پەقەت يان تېلېفونلا ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي بولغان ئاقىل ياشاش ئۇسۇلى. سىتارباكس شىركىتىنىڭ سېتىۋاتقىنى پەقەت قەھۋەلا ئەمەس، بەلكى راھەت، ئازادىلىك بېغىشلايدىغان ھاللىق سەۋىيەدىكى ياشاش ئۇسۇلى». «ھازىر، كىشىلەر كۆپرەك پۇل تېپىشقا، كۆپرەك پۇل تاپقاندىن كېيىن <مودا> تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ»، كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى «مودا» بۇيۇملار كۈرەش نىشانىغا، مەلۇم ياشاش ئۇسۇلىغا بولغان ئىنتىلىشكە ئايلانماقتا ...

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125