قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | ئانا، ۋەتەن، قەسەم بېرىش
17:01:48 2024-10-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يەن جۇشياۋ

 يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان ماڭا ئەڭ ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرغان، مېنى ھاياجانلاندۇرغان ۋە ماڭا مۇقەددەس بىلىنگەن ئۈچ ئاتالغۇ ۋە مۇراسىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئانا، ۋەتەن، قەسەم بېرىش!

 ئانا، ئەڭ ئىللىق ئاتالغۇ، بۇ سۆز ھەر قېتىم ئېسىمگە كەلگىنىدە، تىلغا ئېلىنغىنىدا، قەلىمىمدە يېزىلغىنىدا ياكى باشقىلار تىلغا ئالغاندا، ئاغزىدىن چىقارغاندا كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش كېلىدۇ. ئانام ماڭا ھاياتلىق، ئەقىل- پاراسەت بەردى، ئەڭ شەخسىيەتسىز، ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەتنى ماڭا بەردى، مېنى بېقىپ قاتارغا قوشتى. گەرچە ئۇ موماي ئەسلىمە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن «ئاپا» ياكى «ئانا» دېگەن بۇ ئىككى خەت مەڭگۈ «ئىللىقلىق» ۋە «ئىسسىق ياش».

 ۋەتەن، مەن پەخىرلىنىدىغان ۋە ئىپتىخارلىنىدىغان «ئانا». ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى كەلكۈن ئىچىدە قالغان ئايرودۇرۇمغا ئاپتوموبىل ئەۋەتىپ جۇڭگولۇقلارنى بىر- بىرلەپ ئېلىپ كەتكەندە، نەق مەيداندىكى نۇرغۇن چەت ئەللىكنىڭ بۇنىڭغا ھەۋەس قىلغانلىقى ياكى ھەسەت قىلغانلىقى توغرىسىدىكى بىر خەۋەرنى كۆرگەنىدىم. جۇڭگولۇقلار دۆلەتنىڭ ئائىلە ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئائىلىسى ئىكەنلىكىنى، قۇدرەتلىك ۋەتەننىڭ ھەممە يەردە بىخەتەرلىك، ئىللىقلىق، ئىپتىخارلىق ۋە پەخىرلىك ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغانىدى.

 نەچچە كۈندىن بۇيان قۇلاق تۈۋىمدە دائىم ۋەتەن توغرىسىدىكى ناخشىلار ياڭراپ، بىر مىسرا ئاڭلىساملا ھاياجانلاندىم، بولۇپمۇ «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم، بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمايمىز» دېگەن ئاشۇ مىسرا بىلەن كۆز چاناقلىرىم يەنە بىر قېتىم ياشقا تولدى.

 30 نەچچە يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە، ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم پارتىيە بايرىقى ئاستىدا قەسەم بەرگەن بولساممۇ، گەرچە بۇ بىر مۇراسىم بولسىمۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە بىر شەكىل بولسىمۇ، لېكىن مەن مەڭگۈ شۇنداق تەنتەنىلىك ھېس قىلىمەن! ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قېتىمدىن بىر قېتىم كۈچىيىدۇ! 2023- يىلى داچىڭشەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى پارتىزانلار ئەترىتى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن ئەترىتىمىزگە باشلامچى بولۇپ قەسەم بەردۇق، مەن باش بولۇپ قەسەم بەرگىنىمدە، تەنتەنىلىك ۋە مۇقەددەس تۇيغۇ تەبىئىي پەيدا بولدى! قەسەم بېرىشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ھەممىسى پارتىيەگە بولغان ھۆرمىتى بىلەن ئوڭ مۇشتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مەغرۇرلانغان ھالدا: مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىشنى ئارزۇ قىلىمەن ... دەپ قەسەم بەردى. شۇ دەقىقىدە مەن تېخىمۇ ئىپتىخارلاندىم، پەخىرلەندىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمدا قان ئۇرغۇپ، توغرا كەيپىيات پەيدا بولدى، چۈنكى مەن بىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى. بىزنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەمىز ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك پارتىيە، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ غەلىبىدىن يەنە بىر غەلىبىگە قاراپ ماڭدى!

 ئانا، ۋەتەن، قەسەم بېرىش، بۇ ئۈچ ئاتالغۇ ۋە مۇراسىم، مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك كۆز چانىقىمدىكى ئىسسىق ياش، ئىپتىخارىم ۋە پەخرىم، تەنتەنىلىك ۋە مۇقەددەس! دۇنيادىكى بارلىق ئانىنىڭ مەڭگۈ ساغلام بولۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى، ۋەتىنىمىزنىڭ مەڭگۈ گۈللەپ ياشنىشىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈ بەختلىك، خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125