تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ئۆزىمىزنى تونۇيلى، ئۆزىمىزگە مەلھەم بولايلى، ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرايلى
18:30:04 2024-10-17 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 ئۇزاققا سوزۇلغان كىشىلىك ھاياتتا، نەزەرىمىزنى چىگىچ تاشقى دۇنياغا مەركەزلەشتۈرۈۋالماي، ھەمىشە قەلب سادايىمىزنى تىڭشاپ ئۆزىمىزگە زەن سالايلى. ئۆز نەزەر دائىرىمىز ئۈزلۈكسىز يۈكسەلگەنسېرى، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنىڭ ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىگە مەلھەم بولۇش، ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

1

ئۆزىمىزنى تونۇيلى

 «باشقىلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇشتىن، ئۆزىمىزنى چۈشەنگىنىمىز ئەۋزەل» دېگەن گەپ بار.

 بۇ ئۆمرىمىزدە ھەرخىل ئادەملەرنى ئۇچرىتىمىز. ۋاھالەنكى ئەڭ ياخشى تونۇشقا تېگىشلىك بولغىنى دەل ئۆزىمىز.

 ئادەم ئەھمىيەتلىك ياشايمەن دەيدىكەن، قىلىشقا ئەڭ تېگىشلىك ئىشى ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە قىممىتىنى تونۇشتۇر.

 كىشىلىك ھاياتتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتلەر ئىچىدە، ئەڭ تۈپ مەسئۇلىيەت ھەقىقىي ئۆزىمىز بولۇش. ئۆز ئورنىمىزنى دەل جايىدا تاپقىنىمىزدىلا، ئالدىراش- تېنەش يۈرۈۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ھەقىقىي ھەم مەنىلىك ياشىيالايمىز.

2

ئۆزىمىزگە مەلھەم بولايلى

 مۇنداق بىر «تام پاتمىچۇقى قانۇنىيىتى»نى ئاڭلىغانىدىم، تام پاتمىچۇقى خەتەرگە يولۇقسا، ئادەتتە ئۆزىنىڭ قۇيرۇقىنى ئۆزى ئۈزۈۋېتىپ قېچىپ كېتىدىكەن. ئاندىن ئۈچەككە كىرىپ، بەدىنىنى غىدىقلاپ قايتا ھاسىل بولۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خىل ھورمۇن ئىشلەپچىقىرىپ، قۇيرۇقىنى قايتا ئۆستۈرىدىكەن.

 ئەسلىي ھالىتىگە قايتقاندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق ئوزۇق ئىزدەشكە چىقىدىكەن.

 قۇرامىغا يەتكەنلەردىمۇ تام پاتمىچۇقىغا ئوخشاش «ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش كۈچى» بولۇشى كېرەك. يارىلانغاندىن كېيىن تېزلىكتە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش، ئويلىنىش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنىلا داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك.

 كىشىلىك ھاياتتا ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولۇۋەرمەيدۇ، ھاياتلىق ئۈزلۈكسىز يارىلىنىش، ساقىيىش، يەنە يارىلىنىش، يەنە ساقىيىش جەريانىدا داۋاملىشىدۇ.

 ئۆزىمىزگە ياخشى مەلھەم بولايلى، بارلىق ئازابنىڭ ھەممىسى يېنىكلەيدۇ، ئىچكى دۇنيايىمىزمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە زورىيىدۇ.

3

ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرايلى

 ئۆزىمىزنى گۈل كەبى پەرۋىشلىگىنىمىزنىڭ ئۆزى ئەڭ ئېسىل تاكامۇللىشىشتۇر.

 ئۇنداقتا گۈل پەرۋىشلەشتە نېمىلەر زۆرۈر بولىدۇ؟

 قۇياش نۇرى، يامغۇر سۈيى، مۇنبەت تۇپراق، يېتەرلىك بوشلۇق...مۇشۇ ئاساستا يەنە بىر مەھەل كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلساق، گۈل تەبىئىيلا پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

 ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

 چالغۇ، شاھمات، ھۆسنخەت، رەسىم، شېئىر، گۈل بىلەن مەنىۋىيىتىمىز تاۋلىنىدۇ، ئوتۇن، گۈرۈچ، ياغ، تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، چاي بىلەن جىسمانىيىتىمىز ساغلاملىشىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك بۇيۇملار.

 ئادەمنىڭ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ئۆزىنى ھەقىقىي سۆيگەنلىكىدۇر.

 كىشىلىك ھاياتتا قىسقىغىنا نەچچە ئون يىللا بار، ھېچكىم ئۆمۈر مۇساپىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرەلەيدۇ.

 كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدا، دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى ياخشى تونۇيلى، ئۆزىمىزگە ياخشى مەلھەم بولايلى، ئۆزىمىزنى ياخشى تاكامۇللاشتۇرايلى. شۇنداق قىلغاندىلا، قىسقىغىنا بۇ ھاياتىمىزنى تېگىشلىك قىممەتكە ئىگە قىلالايمىز.

 مەنىۋىيىتىمىزمۇ شۇ سەۋەبلىك بېيىيدۇ ۋە گۈزەللىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125