ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گاۋ فاڭ) شىنجاڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات − تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باھالاش پائالىيىتى مۇشۇ ئايدا رەسمىي باشلاندى. «ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، 50تىن ئارتۇق ئەسەر تاپشۇرۇۋېلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئاپتورلارنىڭ تىزىملىتىپ باھالاشقا قاتنىشىش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن بەس- بەستە قاتناشتى»، دېدى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.
10- ئاينىڭ 8- كۈنى، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ئىشخانىسى جۇڭگو يازغۇچىلار تورى، ئانار بۇلۇت قاتارلىق سۇپىلاردا «تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى بويىچە باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنى توپلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، تۇنجى قېتىم مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا يۈزلىنىپ، شىنجاڭ تېما قىلىنغان نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كەڭ كۆلەمدە توپلىدى.
تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ئىدىيەۋىلىك بىلەن بەدىئىيلىكنىبىرلىككە كەلتۈرۈشپىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى ئىچىدىكى ئالاھىدە مۇكاپات بولۇش سۈپىتى بىلەن، تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا شىنجاڭ تېما قىلىنغان نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەقدىرلەپ، ئىتتىپاق- ئىناق، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ تېما قىلىنغان ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئۈزلۈكسىز «يۇقىرى پەللە»گە قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان. بۇ قېتىمقى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن چوڭقۇر، مول ئىدىيەۋى ئىچكى مەزمۇنغا ئىگە بولۇش، ھېسسىيات مەنزىلىيۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇش، كىشىلەرنىڭ قەلبىگە تەسەللىي بېرىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى ۋە روھىي دۇنياسى ھەمدە قاينام- تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي مەنزىرىسىنامايان قىلىنغان بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. دەۋر ئۆزگىرىشى، رېئال تۇرمۇش ۋە خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى كۆپ قاتلاملىق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق شەكىلدە ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بايان قىلىنغان ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىشقا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈنىدۇ.
باھالاش تەلىپىگە ئاساسەن، باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى چەكلەنمەيدۇ، رومان، پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمى، نەسر (توپلام)، ئەدەبىي ئاخبارات (توپلام)، شېئىر (توپلام)، سەھنە ئەسىرى، بالىلار ئەدەبىياتى (توپلام)، ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، ئوبزور (توپلام) قاتارلىقلار بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلسا بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت تىل- يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن باھالاشقا قاتناشتۇرۇلۇشىكېرەك. چەت ئەل يېزىقىدا ئىجاد قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەر جۇڭگو تىل- يېزىقىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى بىلەن باھالاشقا قاتناشتۇرۇلۇشى كېرەك. باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەرلەر چوقۇم جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى نەشرىيات ئاپپاراتلىرىدا نەشر قىلىنىپ كىتاب بولۇپ چىققان ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك. تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇشى كېرەك.
تۇنجى نۆۋەتلىك تىيانشان ئەدەبىيات مۇكاپاتى بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بەش ئەسەر باھالاپ چىقىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش نامزات مۇكاپاتى ئەسىرى باھالاپ چىقىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەدەبىيات ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان يازغۇچىلارغا ئەھۋالغا قاراپ «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى» بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە كىنىشكا، مېدال ۋە مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر بىر ئەسەر 500 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەر بىر ئەسەر 100 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، «ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەنلەر 1 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ (ھەممىسى باجدىن كېيىنكى سومما).