كۆركەم شىنجاڭ تاغلىرى | ساۋەندە لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىش مەنزىرىسىنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چۆللۈككە «قىزىل رەڭلىك ئاچچىق لازا گىلەم» سېلىندى
18:37:21 2024-10-17 تىيانشان تورى

 ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، ساۋەن شەھىرى يەنسىخەي بازىرى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات پەيتنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل، يەنسىخەي بازىرىدا 22 مىڭ 800 مو يەرگە لازا تېرىلغان بولۇپ، يىپ لازا، تاختا لازا، قاپاق لازا ۋە دېڭلۇڭجياۋ لازىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى 20 نەچچە خىل سورت بار. شىنجاڭدىكى ئەڭ كۆلەملەشكەن يېمەكلىك لازا يىغىش- تارقىتىش ئورنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىلىغا 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق قۇرۇتۇلغان لازا ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇنىڭ %80تىن كۆپرەكى شەنشى، خۇنەن قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى لازا پىششىقلاش، يىغىش- تارقىتىش چوڭ ئۆلكىلىرىگە سېتىلىدۇ، يەنە كورېيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق چەت ئەل بازارلىرىدىمۇ سېتىلىدۇ. 10- ئاينىڭ 8- كۈنى، ساۋەن شەھىرىنىڭ يەنسىخەي بازىرىدا، 10 مىڭ مو لازا ئېتىزىدا لازا يىغىش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ، توشۇش ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازا تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئالدىراش سىيماسى كۈزلۈك يىغىمنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

 قاراڭ، مول ھوسۇل ئېلىنغان لازا ئېتىزىدا، لازا يىغىش ماشىنىلىرى ئالدىراش ئىشلىمەكتە. توشۇش ئاپتوموبىللىرى خۇددى ئۈزۈپ يۈرگەن غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشاش ئېتىز- ئېرىقلاردا ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، مول- ھوسۇل مېۋىلىرىنى قۇرۇتۇش مەيدانىغا توشۇۋاتاتتى.

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرى قاتناش يېڭى كەنتىدە، دېھقانلار ماشىنىدا لازا يىغماقتا. لى شۈفوتوسى

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرى قاتناش يېڭى كەنتىدە، دېھقانلار ماشىنىدا لازا يىغماقتا. لى شۈفوتوسى

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرى قاتناش يېڭى كەنتىدە، دېھقانلار ماشىنىدا لازا يىغماقتا. لى شۈفوتوسى

 قۇرۇتۇش مەيدانىغا كەلسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا قىپقىزىل مەنزىرە پەيدا بولىدۇ. ئەمدىلا ئېتىزدىن يۆتكەپ كېلىنگەن قىزىل لازىلار تەكشى يېيىتىلغان بولۇپ، خۇددى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقانئوت يالقۇنىغا ئوخشايدۇ. قۇياش نۇرى ئاستىدا، لازىلار ئوتقاشتەك يالتىراپ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇنقىلىپ، ئاجايىپ جەلپ قىلارلىق خۇش پۇراق تارقىتىدۇ. قۇرۇتۇش مەيدانىدا، لازىلارنىڭ ئسسىقلىقنى تەكشى قوبۇل قىلىپ، تېز قۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن،ئىشچىلار لازىلارنى ئاپتاپقا سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى.

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا، ئاپتوموبىللار لازا چۈشۈرمەكتە. لى شۈفوتوسى

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا، ئىشچىلار ماشىنا بىلەنلازىلارنى يېيىتماقتا. لى شۈفوتوسى

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانى. لى شۈفوتوسى

 قۇرۇتۇش مەيدانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە، بىر توپ لازا تېرىيدىغان دېھقانلار بىر رەت بولۇپ تىزىلىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ لازا تېرىۋاتاتتى. ئۇلار مەشغۇلاتقا پىشقان، سۈرئىتىمۇ تېز ئىدى. لازا تېرىيدىغان دېھقانلار بىر تەرەپتىن لازا تېرىغاچ، بىر تەرەپتىن مۇڭدىشىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە قانائەت ۋە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەنىدى. بۇ ئىنچىكە خىزمەت ئارقىلىق لازا سۈپىتىنى قاتتىق كونترول قىلغىلى بولۇپلا قالماي، مول ھوسۇل نەتىجىلىرى تېخىمۇ ياخشى قەدىرلىنىدۇ ۋە ئاسرىلىدۇ.

10- ئاينىڭ 8- كۈنى، يەنسىخەي بازىرىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا، لازا تېرىيدىغان دېھقانلار لازا تېرىماقتا. لى شۈفوتوسى

 جىلغا يېنىدىكى چۆللۈكتە قۇرۇتۇلۇۋاتقان قىزىل لازىلاركىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتاتتى. يېرىمى چوڭقۇر جىلغا، يېرىمى قىپقىزىل لازا قۇرۇتۇش مەيدانى بولۇپ، ئىككىسى روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغانىدى. كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلارنىڭ ھۆسىن قوشۇشى بىلەن، بۇ ئاپتاپقا سېلىش مەيدانى تېخىمۇ ئۆزگىچە ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. لازا بىلەن جىلغا، چۆللۈك بىر- بىرىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئۆزگىچە كۈز مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى.

يېرىمى جىلغا يېرىمى چۆللۈك بولغان قۇرۇتۇش مەيدانى. لى شۈفوتوسى

يېرىمى جىلغا يېرىمى چۆللۈك بولغان قۇرۇتۇش مەيدانى. لى شۈفوتوسى

 (ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ۋاڭ يىڭ، تەكلىپلىك فوتوگراف لى شۈ)

 مەنبە: ساۋەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125