شىلەنخۇا بىلەن بەيسەيخۇا ئورۇقلاشتا دائىم ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۈنۈمى ياخشى كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ياخشى، يېيىشلىك، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەنمۇ ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شىلەنخۇانىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئۆسۈملۈك بىرىكمە ماددىلىرى بار بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە؛ ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ۋىتامىن C مىقدارىمۇ بەدەننىڭ ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇشىغا پايدىلىق. شىلەنخۇانى باشقا ساغلام يېمەكلىك ماتېرىياللىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تېخىمۇ ياخشى ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئورۇقلاش ئارزۇسى بار دوستلارنىڭ شىلەنخۇانى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.