زىيادە ھەرىكەت قىلىش بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ
18:29:06 2024-10-17 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 ئۇزاق ۋاقىت يۇقىرى سىجىللىقتا ھەرىكەت قىلغاندا كۆپ تەرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىغاندا، بەدەن سۇسىزلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېلېكتىرولىتنىڭ خورىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ياكى نەم، دىمىق ھاۋادا ئۇزۇنغا يۈگۈرسە بۇنداق ھالەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلىنىش بۆرەككە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەك ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ ئېلېكتىرولىت قالايمىقانلىشىش بۆرەك ھۈجەيرىلىرىنى بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىتىپ، جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئاچچىق سۇ ياندۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سۈيدۈك مىقدارى تۇيۇقسىز كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ، قېنىق رەڭ ياكى قېنىق چاي رەڭدە بولسا، پۇت، ئوشۇق، كۆز قاپىقى قاتارلىقلاردا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلسە، زىيادە ھەرىكەت قىلىشتىن كېلىپ چىققان جىددىي خاراكتېرلىك بۆرەك زەخىملىنىش بولۇشى مۇمكىن. ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش تەكلىپى بېرىمىز. ھەرىكەت مىقدارىنى ئاستا- ئاستا كۆپەيتىش، ھەرىكەت سىجىللىقى، تەكرارلاش دەرىجىسى ۋە ۋاقتىنى تۇيۇقسىز ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125