− «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ۋاقىت دەرۋازىسىنى ئاچتى بويىچە يۈرۈشلۈك ئومۇمىي بايان (1)
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
يىپەك يولىدىكى مىڭ يىللىق ئىزلارنى ئىزدەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى چاقناپ تۇرغان نۇرلۇق يۇلتۇزلارنى كۆرۈش.
10- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تۇرپان شەھىرى باداملىق شەرقىي قەبرە توپىدىكى بۇ يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، يالقۇنتاغ ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ خارابىدە، ئۆتكەن ئىككى يىل ئىچىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى بايقاشلار بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ يانداش قورۇقچىبېگى چېڭ خۇەننىڭ قەبرىسى، ياغاچقا ئويۇلغان يەر سېتىۋېلىش تىلخېتى قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلار تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپلا قالماي، يەنە ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ- ئادىتىنىڭ غەربىي يۇرتقا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنلىرىدا، تەشەببۇسكار ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ قېزىش نەتىجە دوكلاتلىرىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ساقلىنىپ قالغان قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى، مەھەللە، قەبرە توپى قاتارلىقلارنى تارىختىن كەلگەن سادانى سىجىل ياڭرىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئېچىشقا قاتنىشىپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان ھەقىقىي تارىخىي مۇساپىسىنى بايان قىلماقتا.
جاي- جايلاردىكى خارابىلەر تارىختا ئۆتكەن مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىدى
قومۇل داخې قەدىمىي شەھىرىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىۋىرغول قوشۇنىنىڭ ئەسكەرلەرنى بېقىپ پۇقرالارنى ئارام ئالدۇرۇش، دېھقانچىلىق قىلىپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىزلىرى ساقلانغان؛ جىمىسار بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىدە تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركەزنىڭ مەملىكەت بويىچە «بېيتيەنيۈەن» قۇرۇپ، ياشانغانلارنى بېقىش، يېتىم- يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى يولغا قويۇش ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن؛ چەرچەن سۇباسقان خارابىسىدىكى نۇرغۇن خەت- چەك، تىزىملىك، ئېلان، ھېسابات دەپتىرى، مەشىق قىلىپ يازغان خەتلەر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت غەربىي يۇرتنى باشقۇرغان جانلىق مەنزىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ؛ موڭغۇلكۈرەدىكى جۇڭغارنى تىنچىتىش ئويما يېزىقلىق گېدىڭ تېغى ئابىدىسىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئارمىيە بىلەن خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئورتاق قوغدىغان ئىش ئىزلار خاتىرىلەنگەن...
بۇ تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ بەردى ھەم جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى مەزگىلدىن مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرىغىچە بولغان مەزگىلدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تەخمىنەن 370ى بايقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسىدىن تەخمىنەن 250ى بار. شىنجاڭدىكى قەدىمكى شەھەر خارابىلىرىنى قېزىش «غەربىي خەن ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش سىستېمىسنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» «تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئەنشى باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش سىستېمىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» «سۇڭ، يۈەن، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھەربىي، مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش سىستېمىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» «بىرلىككە كەلگەن دۆلەت سىستېمىسى ھالىتىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسى توغرىسىدىكى تەتقىقات» قاتارلىق نۇقتىلىق تېما تەتقىقاتىنى مۇھىم تايانچ بىلەن تەمىنلىدى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، بېيتىڭ قەدىمكى شەھەر خارابىسى ئارخېئولوگىيەلىك تۈرىنىڭ مەسئۇلى گو ۋۇ بېيتىڭ قەدىمكى شەھىرىدە ئالتە يىلدىن ئارتۇق چىڭ تۇردى، ئۇ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەدەنىيەت خارابىلىرىنىڭ خاراكتېرى ئىچىدە، بىرقەدەر گەۋدىلىك بولغىنى دەل سىياسىي خاراكتېرى، كۆپ خىل مەدەنىيەت خاراكتېرى ۋە كۆپ مىللەت خاراكتېرىدىن ئىبارەت. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېيتىڭ قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، بېيتىڭ ئەتراپى مەركەزنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا تايىنىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولۇش، ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش، مەدەنىيەت گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى مەدەت بىلەن تەمىنلىگەن.
پەي قىسىلغان جىددىي ھەربىي خەت- پۈتۈكلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي ئوردىغا يەتكۈزۈش، كېچىسى تۇرلاردىكى گۈلخان ئۆچمەي يېنىپ تۇرۇش. كۆنچى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىنى بويلاپ ماڭغاندا، كورلىدىن لوپنۇر يىڭپەن قەدىمكى شەھىرى قەدىمىي قەبرە توپى خارابىلىكىگىچە بولغان ئارىلىقتا، تەخمىنەن 150 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى جايغا 11 تۇر تارقالغان بولۇپ، كۆنچى دەرياسى تۇر توپى دەپ ئاتىلىدۇ، 2021- يىلى مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قىياق قۇدۇق تۇر دەل شۇلارنىڭ بىرى.
«قىياق قۇدۇق تۇرىدىن يېقىنقى يىللاردا دۆلەت ئىچىدىكى تۇر خارابىسىدىن قېزىپ چىقىلغان، سانى ئەڭ كۆپ بولغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر تۈركۈم خەنزۇچە يېزىقتىكى ھۆججەت- ماتېرىياللار قېزىۋېلىنغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىۋاتقان شارائىتتىكى غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئەھۋالى مول نامايان قىلىنغان» دېدى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ شىڭجۈن.
بۈگۈنكى كۈندە، قومۇل داخې قەدىمكى شەھىرى ئەتراپىدا يەنە 20دىن ئارتۇق تۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، پۈتكۈل قومۇل تەۋەسى ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدىكى تۇرلارنىڭ سانى 100دىن ئاشىدۇ. شەھەر خارابىسى بىلەن تۇر ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ، يىپەك يولىدىكى ئالاقىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا ئورتاق كاپالەتلىك قىلغان، «كونا تاڭنامە . جۇغراپىيە تەزكىرىسى»دە «ئىۋىرغول قوشۇنى ئىۋىرغولنىڭ غەربىي شىمالىدىن 300 چاقىرىم يىراقلىقتىكى گەنلۇچۈەندە تۇرىدىغان بولۇپ، 3000 ئەسكىرى، 5000 مو يېرى، 300 ئېتى بار» مەنزىرە خاتىرىلەنگەن.
ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىل، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى توققۇزساراي خارابىسىنى قوغداش پىلانىنى تۈزۈشكە باشلىدى، تۇمشۇق شەھىرىگە جايلاشقان شىمالىي سۇلالىلەردىن تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان بۇ شەھەر خارابىسى ئىلگىرى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، تېپىلغۇسىز ئۇنىۋېرسال خارابە ھېسابلىنىدۇ، ئۇ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاش، غەربىي يۇرتنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش تارىخى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ قەدىمكى زامان تارىخى، بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش تارىخى قاتارلىقلارنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشتە ئىنتايىن قىممىتى بار.
ئەزەلدىنلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىش بار
بۈگۈردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك شەھەر خارابىسى زوركۈت قەدىمكى شەھىرى قۇرۇلۇشى خارابىسىدە قىزىل سىرلانغان ياغاچ تۈۋرۈك ۋە چىشلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلمىلىق ياغاچ بۇيۇملار بار؛ ئۈرۈمچىدىكى ئۇلانباي قەدىمكى شەھىرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى − نېلۇپەر گۈللۈك خىش بايقالدى؛ تۇرپان باداملىق شەرقىي قەبرە توپىدىكى بېيتىڭ يانداش قورۇقچىبېگى چېڭ خۇەننىڭ قەبرىسىدە خەنزۇچە خەت ئويۇلغان چاسا شەكىللىك تاش قەبرە تەزكىرىسى ھەم رەڭلىك قورچاقلار ساقلانغان...
شىنجاڭ شەرق- غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم كېسىشىش نۇقتىسى ۋە ئالاقىلىشىش كۆۋرۈكى بولۇپ، تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىنىش ئالدىنقى شەرتىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى باشتىن- ئاخىر زىچ ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ كەلگەن.
«بىز باداملىق شەرقىي قەبرە توپىدىن بايقىغان قەبرە تەزكىرىسى، شىجوۋدىكى بۇ جايلارنىڭ خەتتاتلىققا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى جەھەتتە باشتىن- ئاخىر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېدى تۇرپان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي ئورنىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي تەتقىقاتچىسى چېن چىۋېن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قەبرە تەزكىرىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇن قۇرۇلمىسى ھەم ھەمدەپنە قىلىنغان رەڭلىك مۈلكىي ئەمەلدار قورچىقى، كېنىزەك قورچاق، يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان قورچاق، مۆچەل قورچاق قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەممىسى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قائىدە- يوسۇن ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جانلىق خەلق ئۆرپ- ئادىتى سەنئەت ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قىياق قۇدۇق تۇرىدىن قېزىۋېلىنغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى پۈتۈكلەر ئىچىدىكى «بەخت، ئامەت ۋە ئامانلىق تىلەيمەن» «باھار كېلىپ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى» «يازنىڭ ئوتتۇرىسى بەك ئىسسىق» «ئەمدى كەتسەڭ، قاچان كېلۇرسەن»؛ چەرچەن قۇم دېڭىزىدىكى خارابىلىكتىن تېپىلغان، جاڭ يۇۋنىڭ خېتىدە يېزىلغان «كەمىنىلىرى جاڭ يۇۋ باش ئۇرۇپ سالام يوللىدىم...» نىيە خارابىسىدىكى خەنزۇ يېزىقىدىكى ياغاچ تارىشالار كىشىلەرگە شۇ چاغدىكى غەربىي يۇرتتىكى نىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدىكى مېھماندارچىلىق، سوۋغا- سالام بېرىش مەنزىرىسىنى قايتا ئەسلىتىدۇ؛ ئۈرۈمچىدىكى ئالغۇ قەبرىستانلىقىغا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ چۇ مەدەنىيىتى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە فېڭنياۋ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كەشتە ھەم سىرلانغان ئەسۋاب- جابدۇقلار كۆمۈلگەن... بىر سۆز، بىر جۈملە، بىر بۇيۇم، بىر ئەسۋابتىن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ماددىي مۇۋەپپەقىيىتى، مەنىۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئېستېتىك ئىدىيەسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نۇرغۇن مەدەنىيەت خارابىلىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىنجاڭ تارىختا باشتىن- ئاخىر كۆپ خىل مەدەنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈش- يۇغۇرۇش، ھەممىنى قوبۇل قىلىشنى ساقلاپ كەلگەن، شۇڭا جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل تۈسىنى نامايان قىلىدىغان سانسىزلىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان.
باداملىق شەرقىي قەبرە توپى بىلەن ئارىلىقى تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان پىچان تۇيۇق تاش غارى خارابىسىدە ئارخېئولوگلار قۇچۇ خۇيخۇ دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى ھۆكۈمەت تەرەپ بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينى چاغدىكى ئىبادەتخانىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە مەشغۇلات ئۇسۇلىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان زور تۈركۈمدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئالتۇن، مىس بۇت، خەنزۇ يېزىقى ۋە خۇيخۇ يېزىقىدىكى بۇددا نوملىرى قول يازمىلىرى، پال پۈتۈكلىرى، قەرز توختامى قېزىۋېلىنغان يەنە سانسكرىت يېزىقى ۋە كۈسەن يېزىقىدىكى پۈتۈكلەر، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىشتا ئىشلىتىلىدىغان قەغەز ۋە قەلەم بار... ئۇلار ئارقىلىق ئەينى چاغدا ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ كۆپلۈكىنى، مەدەنىيەت جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ھالەتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
كۆپ خىل دىننىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىڭدۈرۈشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى
«2023- يىلى بىز مور ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن ياغاچتىن ياسالغان ئالتە بارماقلىق بۇد پۇتى، يەنە ساقال- بۇرۇتلۇق بۇدنى بايقىدۇق، بۇلاردىن بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭدا تارقالغاندا كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئالاھىدىلىكىنىڭ تېخىمۇ روشەن ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، ئىلگىرى بايقالغان بۇددا دىنى قالدۇقلىرى ئىچىدە گانىتخارا ئۇسلۇبىمۇ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇسلۇبىمۇ بار.» مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، قەشقەر مور ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ مەسئۇلى شياۋ شياۋيۇڭ مۇنداق دېدى: مور ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇددا دىنى ئىمارەتلىرى ۋە ھەيكەلتىراشلىق ھۈنەر- سەنئىتى ئىنتايىن مول بولۇپ، يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدىكى ئۆزگىرىش ھەم ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىدىكى ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىشنى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى.
مور ئىبادەتخانىسى خارابىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بىر خانئۆي خارابىسى بار، ئۇنىڭ شەرقىدىكى شەھەر سىرتىدا بىر بۇددا مۇنارى بار بولۇپ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تەخمىنەن خەن، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ياسالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىدە كونا شەھەر تەۋەسىدە بۇددا دىنىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا بۇددا دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە غەربىي يۇرتتا تارقالغانلىقى ۋە يەرلىكلەشكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭدىكى تاڭچياۋدۇن خارابىسى، تۇرپاندىكى شىپاڭ نېستورىئان دىنى يادىكارلىق ئورنى، تۇيۇق تاش غارى خارابىسى، سۇباش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى قاتارلىق تۈرلەرنى قېزىش داۋامىدا، ئارخېئولوگلار كەسپىي نۇقتىدىن، جانلىق ئەمەلىي مىساللار، مول نەتىجىلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى، بىر دىن ياكى ئىككى دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇش، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭنىڭ دىن ئەندىزىسىدىكى تارىخىي ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى، يۇغۇرۇلۇش، تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شىنجاڭدىكى دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 4- ئەسىردىن بۇرۇن، شىنجاڭدا ئىپتىدائىي دىن تارقالغان، ئارقىدىن بۇددا دىنى، ئاتەشپەرەسلىك دىنى، داۋجياۋ دىنى، مانى دىنى، نېستورىئان دىنى، ئىسلام دىنى، كاتولىك دىنى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن شىنجاڭدا تارقالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇددا دىنى، نېستورىئان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنغا مۇناسىۋەتلىك مىراسلار ھەرقايسى مەدەنىيەت خارابىلىرىدە تېخىمۇ كۆپ بايقالدى.
«2023- يىلى بىز ئىبادەتخانىنىڭ تېمىدىن تەخمىنەن 15 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نېستورىئان دىنى تېمىسىدىكى تام رەسىمىنى رەتلەپ چىقتۇق، رەسىمدە كىرېست رەسىمى، ئاتلىق ئادەم رەسىمى قاتارلىقلار بار بولۇپ، تىپىك تاڭ سۇلالىسى دەۋرى ئۇسلۇبىغا ئىگە، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ يەردە نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى بارلىقىنى جەزملەشتۈردۇق» دېدى جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تاڭچاۋدۇن قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ مەسئۇلى رېن گۇەن.
تاڭچاۋدۇن قەدىمكى شەھىرىنى كۆپ يىل سىجىل قېزىش جەريانىدا، چۆمۈلۈش مەيدانى خارابىسى، بۇددا دىنى خارابىسى، نېستورىئان دىنى خارابىسى ۋە خەنزۇ يېزىقى ھەم خۇيخۇ يېزىقى، سۇرىيە يېزىقىدىكى بېغىشلىما قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن بايقىلىپ، ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ رايونىدا تۈرلۈك كىشىلەر توپى بېرىش- كېلىش قىلىش، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇش ھەم كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتەك ۋەزىيەتنى ئىسپاتلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
تاڭچاۋدۇن قەدىمكى شەھىرىدىن جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ تىيانشاندىن ھالقىپ ئۆتكەندە، يەنە بىر نېستورىئان دىنى مۇھىم خارابىسى − تۇرپان شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسى بار بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ جايدىمۇ نۇرغۇن يېڭى بايقاش بولدى.
كىلىمات قۇرغاق بولۇشتەك تەبىئىي سەۋەب تۈپەيلىدىن، تۇرپاندا سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان كۆپ خىل دىن مىراسلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەر خىل تىل- يېزىقتىكى پۈتۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2023- يىلى، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن نەچچە يۈز پارچە خەنزۇ يېزىقىدىكى بۇددا نومى، داۋجياۋ دىنى نومى ھەم سۇرىيە يېزىقىدىكى نېستورىئان دىنى ھۆججەت- ئەسەرلىرىنى قېزىۋالدى، بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئەينى چاغدا شىنجاڭدا مەۋجۇت بولغان كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا سىغدۇرۇشچان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
«كۆپ خىل يېزىقتىكى پۈتۈك، ھۆججەت- ئەسەرلەردىن باشقا، خارابىلىكتىكى ھەر خىل تام رەسىملىرىنىڭ تېمىسىنى لايىھەلەش، سىزىش ئۇسۇلى، بوياق ئىشلىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ رايونىدا كۆپ خىل مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەنزىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.» جۇڭشەن داشۆنىڭ پىروفېسسورى، شىپاڭ نېستورىئان دىنى ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ ۋېنسو مۇنداق دېدى: دەل بۇ خىل يۇغۇرۇلۇش ھالىتى شىنجاڭغا چوڭقۇر مەدەنىيەت جەلپكارلىقىنى مۇجەسسەملىگەن.
مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئىشەنچىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، ئۇنىڭغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گېنى ۋە تومۇرى مۇجەسسەملەنگەن. نۆۋەتتە شىنجاڭدا يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نۇقتىسىدىن جەمئىي 9542سى بار، ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 4- قېتىملىق مەملىكەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئارقىلىق، يەنە نۇرغۇن شەھەر خارابىسى، تۇر، قورغان، قەبرە، ئىبادەتخانا، ئۆتەڭ، مېتال تاۋلاش خارابىسى قاتارلىقلار ھەم ئۇلاردا كۆمۈلۈپ ياتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىنچىكە بايقىشى داۋامىدا قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارىخىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.