10- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئۆي- زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نى خۇڭ مۇنداق دېدى: ئىككىنچى پەرزەنتىنى تۇغۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرالغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ھەر قايسى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆي- زېمىن سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، كاپالەت سالمىقىنى چوقۇم ئاشۇرۇپ، تۇرالغۇ ئۆيگە كاپالەتلىك قىلىش تۆۋەن چېكىنى تولۇق ساقلىشى كېرەك. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە 4 مىليون 500 مىڭ ياشنى، يېڭى شەھەر ئاھالىسىنى كاپالەتلىك تۇرالغۇغا ئىگە قىلىش پىلانىمىز بار.
(باش ئىستانسا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ياڭ شياۋ)
پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)