يازدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا، نۇرغۇن كىشى سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. سۇ ئۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقى قۇلاق يولىغا سۇ كىرىپ كېتىپ، توسۇلۇپ قالغاندەك بىئاراملىق كۆرۈلسە، سۇ كىرىپ كەتكەن قۇلاقنى تۆۋەنگە قارىتىپ، بارمىقىڭىز بىلەن قۇلاق سۇپىرىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىنى بېسىپ، ئاستا- ئاستا ئارقا ئۈستى تەرەپكە تارتىپ، ئوخشاش تەرەپتىكى پۇتىڭىز بىلەن بىر نەچچە قېتىم سەكرىسىڭىز، قۇلاققا كىرىپ كەتكەن سۇ تەبىئىيلا ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ، ئاندىن پاختا پەلكۈچ ياكى قەغەز قولياغلىق بىلەن تاشقى قۇلاق يولى ئېغىزىدىكى سۇنى سۈرتىۋەتسىڭىز، ياكى چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن تاشقى قۇلاق يولىنى يېنىك پۈۋلەپ قۇرۇتسىڭىز بولىدۇ. سۇ ئۈزگەندە قۇلاق پۇرۇپكىسى بىلەن تاشقى قۇلاق يولىنى قوغداپ، ئىمكانقەدەر قۇلاق يولىغا سۇ كىرىپ كېتىشتىن ساقلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
قۇلىقىڭىزغا سۇ كىرىپ كەتسە، بىر پۇتلاپ سەكرەپ سىناپ كۆرۈڭ
13:29:36 2024-10-18
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义