ھەقىقىي دوستلۇق مىجەزى كېلىشىشتىن باشلىنىدۇ
قىممەتلىك دوستلۇق مىجەزنىڭ كېلىشىشىدىن باشلىنىپ، ئۆزئارا قەدىرلەش داۋامىدا مۇستەھكەملىنىپ، تىنچ ھالدا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىككى ئادەمنىڭ تونۇشۇپ ياخشى دوستلارغا ئايلىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. خاراكتېرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، قىممەت قارىشى ماس كېلىدىغان، مىجەزى كېلىشىدىغان ئاشۇ كىشىلەر ھامان چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتالايدۇ. ياخشى دوست بىزنى ئەڭ چۈشىنىدىغان كىشىدۇر، ياخشى دوستلار ھەرقاچان بىر- بىرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ، ھېچنېمە دېمەيمۇ بىر- بىرىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇ- ھەسرىتىنى بىلەلەيدۇ. بۇنداق دوستقا ئۇچراشقاندا چوقۇم ئوبدان قەدىرلىمەك زۆرۈر.
مىجەزىمىز كېلىشىدىغان بىرەرسىنى ئۇچرىتىش تەلىيىمىزدۇر. بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشى قەدىرلىسەك، ئۆزئارا يار- يۆلەك بولىدىغان كۈچ- قۇدرەتكە ئايلىنىدۇ، ھاياتىمىزدا نۇر چېچىپ تۇرغان ماياك كەبى بىر- بىرىمىزنىڭ يولىنى يورۇتىدۇ.
ھەقىقىي دوستلۇق ئۆز ئارا قەدىرلەش داۋامىدا مۇستەھكەملىنىدۇ
ھەقىقىي دوستلار بىر- بىرىنىڭ ئەخلاق- پەزىلىتىنى پىششىق بىلىدۇ، قارشى تەرەپنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، زورلىمايدۇ، تەلەپ قىلمايدۇ، بىر- بىرىنى ئاسرايدۇ، بىر- بىرىنى قوللايدۇ.
بىر بۆلەك قىممەتلىك دوستلۇق بىر- بىرىنى چۈشىنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتتە ھەممەيلەن بارغانسېرى ئاكتىپلىشىدۇ، بارغانسېرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ، بارغانسېرى كۈچ- قۇدرەتكە تولىدۇ.
ياخشى دوستلار ئۇزاق ۋاقىت ئالاقىلەشمىسىمۇ، ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن بىر- بىرىنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھەرقاچان بىر- بىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ.
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، ياخشى دوست بىزگە ئالغا ئىلگىرىلەش جاسارىتى بېغىشلايدۇ. قىممەتلىك دوستلۇق تەستە قولغا كېلىدۇ، چوقۇم مىننەتدار بولۇشىمىز ۋە قەدىرلىشىمىز كېرەك.
ھەقىقىي دوستلۇق تىنچ ھالدا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ
بەزىلەر دوستلۇقنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: دوست دېگەن نېمە؟ دوست دېگەن 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە تېلېفونىمىزنى ئېلىشنى خالايدىغان، سېغىنىشىمىزغا ھەر ۋاقىت جاۋاب قايتۇرۇلايدىغان ئادەمدۇر. ئۇ گاھى بىز بىلەن گەپ تالىشىدۇ، گاھى چىشىمىزغا تېگىپ قويىدۇ، گاھى بىزگە مەدەت بېرىدۇ، گاھى بىزنى تىللاپ سەگىتىدۇ. كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا يېنىمىزدا بىرەرسى ھەمراھ بولسا بىزنى ئازابلىغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىز ئاسانغا توختايدۇ؛ قاقاقلاپ كۈلگەن چاغلىرىمىزدا يېنىمىزدا بىرەرسى ھەمراھ بولسا خۇشاللىقلىرىمىز تېخىمۇ ۋايىغا يېتىدۇ.
قىممەتلىك دوستلۇق دەبدەبىلىك بولمايدۇ، بەلكى تىنچ ھالدا ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. ئۇ ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، شۇنداقلا ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ئۆتكىلىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ. ھەقىقىي ياخشى دوست ھەرقاچان بىزنىڭ يارقىن نۇقتىمىزنى كۆرەلەيدۇ، بىز ئۈچۈن خۇشال بولالايدۇ، بىزگە جاسارەت بېغىشلىيالايدۇ، بىزگە ھەمدەم بولۇپ ئاخىرغىچە بىللە ماڭالايدۇ.
ۋاقىت دولقۇنلىرىنىڭ قاينىمىدا تاۋلانغان دوستلۇق قەلبىمىزدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بۈك- باراقسان بولۇپ ياشناپ، ھاياتىمىزنى رەڭدارلاشتۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئۆمرىمىزدە مۇشۇنداق دوستلۇققا ئېرىشەلىسەك چوقۇم ھەسسىلەپ قەدىرلەيلى.