دادام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ياشىنىپ قالغان ئانام تۇرمۇشىنى بىزنىڭ كۈتكىنىمىزدىكىدىنمۇ بەكرەك ياخشى ئورۇنلاشتۇردى. بىر كۈنى ئويلىمىغان يەردىن ئانامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇندىلا ئانامنىڭ دەريادەك كەڭ قەلبىنى تولىمۇ ئىدىتلىق ئاۋۇندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى جەدۋەل شەكلىدە بولغاچقا، بارلىق قۇرۇق گەپ- سۆزلەردىن خالىي ئىدى. ۋاقىت ۋە ھاۋارايى خاتىرىلەنگەن كاتەكچىنىڭ كەينىدە دالا پائالىيىتى، كىتاب ۋە گېزىت ئوقۇش، خەت تاپشۇرۇۋېلىش، مېھمان كۈتۈش، كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىق...دېگەندەك كاتەكچىلەر بار ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاخىرقى «كەيپىيات» دېگەن كاتەكچىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بىر كۈنى ئۇ ھېلىقى كاتەكچىگە «خۇشال بولدۇم، ۋاقىت يېتىشمەيۋاتقاندەك ھېسسسىياتتىمەن» دەپ، يەنە بىر كۈنى «نېمە دېگەن راھەت» دەپ يېزىپتۇ، بەزى كۈنلىرى تېخىمۇ ئاددىي قىلىپ «كەيپىياتىم تۇراقلىق» ياكى «تىنچ ئۆتتى» دەپ يېزىپتۇ، ئەلۋەتتە كەيپىياتى ياخشى بولمىغان بەزى كۈنلىرى «كەيپىياتىم ناچار، گەپ قىلغۇممۇ يوق»، «ئۆزۈممۇ بىلمەي ياش تۆكۈپ سالدىم» دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ يازغانىدى.
مەن كاماندىروپكىدىن قايتىپ كېلىپلا: «ياش تۆكۈپ سالدىم» دەپ يېزىلغان كاتەكچىنى كۆرسىتىپ: «ئانا، نېمىشقا ياش تۆكتىڭىز؟ قايسى كۈنى شۇنداق بولدى؟» دەپ سورىدىم.
ئانام بىر ھازا ئويلىنىپمۇ ئېسىگە ئالالمىدى- دە، ماڭا كۈلۈمسىرىگىنىچە مۇنداق دېدى: «قارىغىنە، ئېسىمگە ئالالمىغىنىمغا قارىغاندا چوقۇم ھېچ ئىش بولماپتۇ، ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئاۋارە قىپتىمەن، ئەسلىدە يىغلاشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ».
ئانام بىردىنلا ماڭا بەك قالتىس بىلىندى، ئۇ كەيپىياتنى خاتىرىلەيدىغان ئۇسۇلنى ئىجاد قىلىپ، ئۆز كەيپىياتىنى تىزگىنلەۋېتىپتۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئانام بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەپ كەپتۇ.