كىشىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدىغىنى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشتۇر
بۇ مەسىلىگە قارىتا تورداشلارنىڭ پىكرى ئوخشاش بولمىدى.
مەلۇم بىر تورداش مۇنداق دېدى:
مېنى تاللىغانلار، ئىزچىل ئائىلەمدىكىلەر. مەيلى يۇقىرىدا ياكى تۆۋەندە بولاي، باشتىن- ئاخىر ئائىلىدىن كەلگەن سەمىمىي ئىللىقلىق ۋە شەرتسىز مۇھەببەتنى ھېس قىلىپ كەلدىم.
يەنە بىر تورداش مۇنداق دېدى:
مەندە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەمچىل، دائىم ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىمەن، كوللېكتىپ ئىچىدە باشقىلار تەرىپىدىن تەقدىرلەنسەممۇ، قانائەت قىلمايمەن. تەلىيىمگە ناھايىتى ياخشى گۇرۇپپا باشلىقىغا يولۇقتۇم، ئۇ دائىم مېنى قوللايدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۇنداق «تەبىئىي ئىشەنچ»كە ئېرىشىش تۇيغۇسى كەسىپتە ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالدى.
كىشىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدىغىنى مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش بولۇشى مۇمكىن. تاللاش ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش شەكلىنىڭ بىرى، ئۇ بىزگە بەزىلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، ياكى بىزنى قوللايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ھەر قانداق كىشى ئۆزىنى قەدىرلىشى كېرەك. ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلىشى، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىغا ئەرزىيدىغان ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشى كېرەك.
ھەممەيلەن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىمىز بولۇشىمىز، باشقىلارغا ياخشىچاق بولماسلىقىمىز، ئەپلەپ- سەپلەپ ئىش كۆرمەي، ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.