لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە تەسىرات بېغىشلىدى
20:54:05 2024-10-18 بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 10- ئاي كىرگەندىن بۇيان، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى، مۇزېي ئىچىدىكى زامانىۋى كۆرگەزمە لايىھەسى ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى ساياھەتچىلەرنى تولۇق ھېس قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

 لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى ئىچىدىكى سەددىچىن سېپىلىدىن ھالقىش ھېس قىلىش رايونىدا، ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئامما كۆز ئالدىدىكى ئىستېرېئولۇق كۆپ ۋاسىتىلىك ئىپادىلەش ئۇسۇلى تەرىپىدىن چوڭقۇر جەلپ قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ساياھەتچىلەر شەنخەيگۇەندىن غەربىي يۇرتقىچە بولغان ئوخشىمىغان سەددىچىن سېپىلى مەنزىرىسىدىن تېخىمۇ ياخشى ھۇزۇرلىنالايدۇ، سەددىچىن سېپىلىنىڭ جەلپكارلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.

 «ئۆزىمىزنى سەددىچىن سېپىلىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدۇق، ئاۋاز ئۈنۈمى جەھەتتىن بەك ياخشى ئىكەن، بىز بۇ يەرگە كېلىپ كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق»، دېدى شەنشىلىك ساياھەتچى جاۋ بىڭشې.

 «كۆرگەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بۇ مەدەنىيەت ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا موھتاج، مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان بۇ نەرسىلەر، كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسىتىلگەن ھەر خىل ئۈن- سىن فىلىملىرىمۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك، جانلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى دەۋرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن جانلىق نامايەن قىلغان»، دېدى كورلىلىق ساياھەتچى رېن مىڭ.

 لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ يىپەك يولى . سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى شىنجاڭ بويىچە تۇنجى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 5000 كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە كۆلىمى 2520 كىۋادرات مېتىر، مۇزېيدا ساقلانغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى 600دىن ئاشىدۇ. يىپەك يولى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى يۇقىرى بوشلۇقنى ئادەتتىكى مۇزېيلارنىڭ چوڭ ئۆلچەملىك بوشلۇقىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، مول كۆرگەزمە قۇرۇلۇشى ئاساسىي رامكىسىنى شەكىللەندۈرگەن. 3D پىرىنتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق، نەچچە مىڭ يىل ئۇيقۇدا ياتقان «گۆھەر»نى جانلىق نامايان قىلغان. يېرىم مەنزىرىلىك كۆپ ۋاسىتىلىك دېدۇكسىيە ۋە يادرولۇق چىراغ نۇرى بىرلەشمە ھەرىكەت تېخنىكىسى ئارقىلىق، چۆكمە تەسىراتنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە تىياتىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. زامانىۋى تېخنىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، يىپەك يولى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى قىزىق ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

 «يىپەك يولى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىمىز بىر تەرەپتىن چوڭ سانلىق مەلۇمات تەسۋىر كۆچۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن 3D پىرىنتېر تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەقلىد قىلىپ ياساش ۋە پىرىنتېرلاش ئارقىلىق، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئاممىنى سەددىچىن سېپىلىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋاز، فوتو ئېلېكتىر يۇقىرى پەن- تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇش، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرگە شۇ مەنزىرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 2023- يىلى 12- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېچىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلار 85 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى»، دېدى لوپنۇر ناھىيەسى يىپەك يولى سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيىنىڭ باشلىقى فەن جىشىن.

 (بايىنغولىن يۇغۇرما تارتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ يۈشەن، شېن كەيلۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر: گۇ يۇڭشىن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125