ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
20:59:16 2024-10-18 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

4- قېتىملىق شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش مۇھاكىمە قىلىندى 

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنى ھەم جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 4- قېتىملىق شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ھەمدە مەركەزنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرىنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، قەشقەر دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۆزگىچە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قاتارلىق سۇپىلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت، سىغدۇرۇشچان قەلب، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئوبراز ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك خەلق ئىچى تاشقى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ توغرا تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، رايون زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئاسىيا − ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك. دىققەتنى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى سىجىل زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك مۇزېي، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، تاشقى سودا ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، 4- پەسىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىزاڭ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4- قېتىملىق شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقى ۋە كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇللۇق، نېگىزلىك، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دادىل ئىش قىلىپ ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورگانلاردا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتتىق رىئايە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن مەركىزىي خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تۈزۈمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگان كادىرلىرى قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 يىغىندا قەشقەر دەرياسى ئۇنىۋېرسال يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە سىستېمىلىق تۈزەش تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋادىلارنىڭ سۇ ئەھۋالى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىنى تەڭشەش، ساقلاش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىپ، ۋادى سۇ بايلىقىنى دەل جايىدا تەقسىملەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايونلارنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ پۇختا سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125