«شىنجاڭنىڭ نېنى ۋە داپەنجىسى ناھايىتى يېيىشلىك ئىكەن، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تەرەققىياتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىكەن...»، دېدى گۇاڭجوۋدىن كەلگەن ساياھەت ۋېيبو ئىگىسى ۋۇ سىياۋ «ئونمىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە ھاياجانلانغان ھالدا. شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تاراتقۇ خادىمى ئابدۇۋەلى ئابدۇرېشىت ئىزچىل ئۆز ئۇسلۇبىدا شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە كۈچ چىقىرىپ كەلدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۇمۇ ناھايىتى مول نەتىجىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى تور دارېنلىرىنىڭ نەزەر نۇقتىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن، ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ جانلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆز يۇرتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئويلىدى.
رېژىسسور \ سۈرەتكە ئالغۇچى \ فىلىم ئىشلىگۈچى \ ئارمان رازاق
مۇخبىر: گەن شىڭخۇا
نازارەتچىلەر: ماۋ مىڭدۇڭ، لى خۇڭيەن