«شىنجاڭ ئىنتايىن ھاياتىي كۈچكە تولغان جاي ئىكەن»
09:33:58 2024-10-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«شىنجاڭ ئىنتايىن ھاياتىي كۈچكە تولغان جاي ئىكەن»

− كورېيە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

«بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، بۇ يەر بەك گۈزەل، ھەم بەك زامانىۋىلاشقان ئىكەن».

«قايتىپ بارغاندىن كېيىن، كۆپچىلىككە ھەقىقىي گۈزەل شىنجاڭنى سۆزلەپ بېرىمەن»...

يېقىندا كورېيە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولۇپ، يۈرۈش شەكلىدە زىيارەت قىلىش، چۆكۈش شەكىلدە ھېس قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى، ئادىمىيەت مەنزىرىسى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى كۆزەتتى ۋە خاتىرىلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، ياۋا ئات قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى، خۇڭسەن باغچىسىغا كىرىپ، بۇ شەھەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى بايلىق ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىگە بېرىپ، ئاپتوموبىل باش قۇراشتۇرۇش سېخى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، سۈپەت تەكشۈرۈش- ئۆلچەش لىنىيەسى قاتارلىق رايونلارنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيلىك تارىخى، مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، مىللەت، دىن خىزمىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت يوشۇرۇنغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، كۆپ خىللىققا ئىگە زامانىۋىلاشقان شەھەر بولۇپ، كەلگۈسى تەرەققىياتى چەكسىز ئىكەن.

چۆچەك شەھىرى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش شەھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرگە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېجىل، خۇشال- خۇرام ئۆتۈۋاتقانلىقىدەك ئىللىق كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىپ بەردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كوچا- مەھەللە، خەلق ئۆرپ- ئادەت مەنزىرىسى باغچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ قويۇق كەيپىياتىنى ھېس قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە باقتۇ پورتى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونىغا بېرىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش، سىناق رايونى بەرپا قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا مىللەتلەر خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئېجىل ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ، ھەر مىللەت خەلق بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كۆرۈنۈش ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن.

ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى سانجى شەھىرىدە، كۆز يەتكۈسىز مۇنبەت ئېتىزلار گۈزەل تۈسكە كىرىپ، مىڭ گېكتار كېلىدىغان ئېتىزلاردا ئۇلۇغۋار پىلان نامايان بولغانىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ خۇيئېر يېزا ئىگىلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، سانجى لاۋلۇڭخې ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كېۋەز تېرىقچىلىق بازىسىغا بېرىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى قاتارلىقلارنى كۆردى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ھېس قىلدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋېتىپتۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى خېلىلا يۇقىرى ئىكەن، بەزى كىشىلەرنى ئەمگەك قىلىشقا «مەجبۇرلاش»نىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق ئىكەن، شۇڭا بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگىنى پۈتۈنلەي يوق يەردىن پۇتاق چىقارغانلىق.

بۇ قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شىنجاڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسىنى چۆرىدەپ، كۆرگەنلىرى ۋە ئويلىغانلىرى توغرىسىدا بەھۇزۇر سۆزلىشىپ، كۆز قارىشى ۋە پىكىرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، گۈزەل ئىستىقبالغا نەزەر سالدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشتى، دۆلىتىمىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، خەۋەر قىلىش ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى كورېيە خەلق ئاممىسىغا تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

«شىنجاڭ ئىنتايىن ھاياتىي كۈچكە تولغان جاي ئىكەن.» كورېيە تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، «چىڭنەن كۈندىلىك خەۋەرلىرى»نىڭ جەمئىيەت باشلىقى، قوشۇمچە گېزىتخانا باشلىقى جېڭ چاڭشۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، مەنزىرىسى گۈزەل ئىكەن، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاق، دوستانە بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىكەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىكەن، قىيىن مەسىلىنى ئورتاق ھەل قىلىدىكەن، بۇ بىزدە گۈزەل تەسىر قالدۇردى. دۆلىتىمىزگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن شىنجاڭنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، كورېيەنىڭ جۇڭگو، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125