تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور كۆرۈش- ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلدى
09:38:02 2024-10-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رېن جياڭ)  10- ئاينىڭ 17- كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ تور كۆرۈش- ئاڭلاش يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى.

دۆلەت رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ قىسمەن مەھكىمە، ئىدارىلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەر، تاراتقۇلار ھەم رادىيو- تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئەيچىيى، يوۋكۇ، تېڭشۈن سىنى قاتارلىق نۇقتىلىق تور كۆرۈش- ئاڭلاش سۇپىلىرى ۋە سىن ئىشلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، داڭلىق يازغۇچى، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى، سېنارىستلار ھەمدە تور كۆرۈش- ئاڭلاش ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلار قاتنىشىپ، تور كۆرۈش- ئاڭلاش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، تور كىنو- تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش تەسىراتلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، تور كۆرۈش- ئاڭلاش ئىجادىيىتى يېڭى تېخنىكىسىنى نامايان قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تور كۆرۈش- ئاڭلاش سۇپىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.

شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جۇغلانمىسى مول، مىللەت ئۆرپ- ئادىتى قويۇق، تەبىئىي مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، تور كۆرۈش- ئاڭلاش ئىجادىيىتىنى پۈتمەس- تۈگىمەس مەنبە بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنى تېما قىلغان، شىنجاڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان زور بىر تۈركۈم تور كۆرۈش- ئاڭلاش ئەسەرلىرى بارلىققا كەلدى، «مېنىڭ ئالتىيىم» «ئۇچقاندەك ئۆتۈۋاتقان كىشىلىك ھايات» «داخەيداۋ» «شىنجاڭنىڭ تاغ- دەريالىرى» قاتارلىق كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرى، ھۆججەتلىك فىلىملەر داۋاملىق تور كۆرۈش- ئاڭلاش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، دۇنياغا ھازىرقى زامان جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى نامايان قىلىپ بەردى. تور كۆرۈش- ئاڭلاش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپلىرى توپىنىڭ مۇھىم بۆلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېز تەرەققىي قىلىش، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى نامايان قىلماقتا.

يىغىن نەق مەيدانىدا يەنە «تىيانشان تەسىراتى» شىنجاڭ رادىيو- تېلېۋىزىيەسى ۋە تور كۆرۈش- ئاڭلاش نادىر ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ قويۇش ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئالتۇن ئانار» ياشلار (داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى) مۇنەۋۋەر قىسقا فىلىملىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. «مېنىڭ ئالتىيىم» «ئون يىل. غايەت زور ئۆزگىرىش» «باھار بايرىمى كەيپىياتى. شىنجاڭ كوچا ئويۇنلىرى» «مۇزىكا روھى − جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قۇتقۇزغۇچى ۋەن تۇڭشۇغا ئېھتىرام» «مەڭگۈ غايىب بولمايدىغان جارەك» قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مەركەزلىك نامايان قىلىندى. «ئۇچرىشىش ۋە قايتا ئۇچرىشىش: لى يۈنفېينىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزىتىشى» «تىيانشان زېرەكلىرى» «كۈسەن» قاتارلىق توققۇز ئەسەر ئايرىم- ئايرىم ھالدا تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ «ئالتۇن ئانار» ياشلار (داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى) قىسقا فىلىم مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مۇكاپات، كۈمۈش مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

يىغىننىڭ «رەڭدار شىنجاڭ» ھەمبەھرىلىنىش، ئالماشتۇرۇش سالونى ھالقىسىدا، ياش رېژىسسور مېڭ دەن تور دارېنى «قەشقەرلىك قارا قاش ئاكا» مەۋلانجان تۇرسۇن، «غەربىي يۇرتلۇق بالا» ئەخمەتتوختى تۇردىباقى، «جاڭ يوۋچۈنىڭ سەيلە خاتىرىسى»نىڭ ئاپتورى جاڭ جيەنچاۋ بىلەن قانداق قىلغاندا يېڭى، جانلىق قىسقا سىن ئارقىلىق ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى.

يىغىندا يەنە تور كۆرۈش- ئاڭلاشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئاساسىي مۇنبىرى، مىكرو ئېتۇت ئىجادىيىتى ھەم كەسىپ تەرەققىيات مۇنبىرى، يېڭى تېخنىكا تور كۆرۈش- ئاڭلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش مۇنبىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125