ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، يەن شياۋتيەن، ۋاڭ نا
ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، دۇنيانىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا مەركەزلەشتى. ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدا 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا بېرىپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان جۇڭگو شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇقىم، گۈللەنگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ۋە تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
«شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن زامانىۋى تۈسكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم»
ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئېتىلگەن پولۇ، كاۋاپ، سۈت پۇرىقى كۈچلۈك ماروژنى، كۆپ مىللەتنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرى، كەپتەر توپى ئارىسىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن بالىلار... «گەرچە غۇلجىغا كەلگىنىمىزگە نەچچە سائەتلا بولغان بولسىمۇ، نۇرغۇن گۈزەل دەقىقىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدۇق» دېدى قاتار «يېرىم ئارال گېزىتى» دۆلەت ئىچى خەۋەرلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سەئىد ئېرپان ھاياجانلانغان ھالدا.
10- ئاينىڭ 15- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، قازانچى خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت رايونى، ئالتە شۇئار كوچىسى مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇرۇلۇشلار، دۇكانلار ۋە ئاممىنىڭ ۋۇجۇدىدىن «كۆك رەڭلىك شەھەر»نىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.
«بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بۇرۇن ئاڭلىغانلىرىمدىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.» سەئىد ئېرپان مۇنداق دېدى: شىنجاڭنى ئاڭلىغانلىرىمدىكىگە ئوخشىمىسا كېرەك، دەپ بىلەتتىم، لېكىن يەنە شىنجاڭ جۇڭگونىڭ چەت، يىراق رايونى بولغاچقا، «تەرەققىي قىلغانلىق» بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايتتىم، لېكىن بۇ قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈپ، تولىمۇ ھەيران قالدىم.
«شىنجاڭنىڭ بۇنچە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇنچە گۈزەل ئىكەنلىكىنى، بۇ جايدا شۇنچە كۆپ مەززىلىك تائاملار ۋە مول مەدەنىيەت- سەنئەتنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» سەئىد ئېرپان مۇنداق دېدى: تاراتقۇ خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىنجاڭغا كېلىپ باققان ھەم بۇ جاينى ئۆز كۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرگەن كىشىلەر خەۋەر قىلغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ گۈزەل.
ئالتە شۇئار كوچىسى غۇلجا شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدە بولۇپ، ئۈچ يول مەركىزىي نۇقتىدا گىرەلىشىپ ھەم ئالتە غول يولنى ھاسىل قىلىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە ئالتە تەرەپلىك كوچا رايونىنى شەكىللەندۈرگەن. چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى رۇس ئۆرپ- ئادەت باغچىسىغا كىرگەندە، ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيگەن بىر توپ كىشى مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىن خۇشال- خۇرام كەيپىيات ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
بۇ، پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى سابىنې ئوسمان خارتاكنىڭمۇ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆز كۆزۈم بىلەن بىۋاسىتە كۆرگەن شىنجاڭ توغرىسىدا ياخشى خەۋەرلەرنى يېزىپ، پۈتۈن دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشىنى، مەبلەغ سېلىشىنى چاقىرىق قىلىمەن. «ئىلگىرى مەن شىنجاڭنى چەت- ياقا، بېكىنمە جاي دەپ قارايتتىم، بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن زامانىۋى تۈسكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدىم».
يېزا- كەنتلەردە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپتۇ
10- ئاينىڭ 15- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى چالغۇلىرىنى قولدا ياساش بىرىنچى كەنتى − ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىگە بېرىپ، نەپىس چالغۇلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ناخشا- ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئۆزگىچە مەنزىرىنى ھېس قىلىپ، تەبىئىي يېقىملىق كۈيلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، تاراتقۇ خادىملىرىنىڭ نۇقتىسىدىن شىنجاڭنى كۆزەتتى، شىنجاڭنى خاتىرىلىدى.
جاي كەنتىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان كۈسەن مەدەنىيىتى چالغۇ كۆرگەزمە مەركىزىگە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىشلەتكەن نۇرغۇن چالغۇلىرى تىزىلغان بولۇپ، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرىنى قەدىمىنى توختىتىپ ئەستايىدىل ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.
ئىران مەخىر تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى مۇھەممەد مەھدى رەخمەت مۇنداق دېدى: «بەزى چالغۇلار يۇرتىمىزنىڭ چالغۇلىرىغا بەك ئوخشايدىكەن. مەن كىچىكىمدىنلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كامالچە تارىلىق چالغۇلارنى چالالايتتىم. بۇ، ماڭا خۇددى ئۆيۈمگە قايتقاندەك يېقىنلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى.» ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ساقلاپ قالغانلىقى، ھەم دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتقانلىقىنى، مەدەنىيەتنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرنى نۇرغۇن يېڭى پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئالقىشلىدى.
ئارقىدىن، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى جاي چالغۇلارنى قولدا ياساش كەسىپلەر باغچىسىدا ئېكسكۇرسىيەدە بولدى، ئوندىن ئارتۇق چالغۇلارنى قولدا ياساش ئۇستىسى تەمبۇر، دۇتار، راۋاب قاتارلىق چالغۇلارنى كۆڭۈل قويۇپ ياساۋاتاتتى، رەندە بىلەن ئىسكىنىنىڭ ئاۋازى، چالغۇلارنى سىنىغاندىكى سادا گىرەلىشىپ ئەڭ گۈزەل مېلودىيەگە ئايلىنىپ، جاي كەنتى ئاسمىنىدا ياڭرىدى.
«بۇ مېنىڭ شىنجاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىشىم، بايا ئۇلارنىڭ چالغۇ ياساش جەريانىنى كۆردۈم، كىشىنى ھەقىقەتەن تولىمۇ جەلپ قىلىدىكەن.» زامبىيە دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى تور ئاخبارات تاراتقۇسىنىڭ مەسئۇلى جوشۇئا ئىساك جېففرېي باش بارمىقىنى چىقىرىپ ئارقا- ئارقىدىن ئالقىشلىدى: «بىز شىنجاڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك، دۆلىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن چالغۇ بار، ئەمما كۆرگەزمە قىلىدىغان بۇنداق جاي ۋە سۇپا يوق، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ چالغۇلارنى تونۇش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە شىنجاڭ بىزگە بىر سائەتلىك دەرس ئۆتتى».
مۇزېينى ئايلىنىپ «ناھايىتى قالتىس ئىكەن» دەپ تەرىپلىدى
قىشتىمۇ، يازدىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان مىستىن ياسالغان كۆز توسقۇچ، 2300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى ئىنسانلار ئىشلەتكەن سۈنئىي پۇت- قول، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تارىخىنى ئىسپاتلايدىغان ئۈزۈم تېلى... 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى تۇرپان مۇزېيىغا كىرىپ، جۇڭگودا قەدىمكىلەر ئىجاد قىلغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇيۇملىرىنى كۆردى، كۆپچىلىك «ناھايىتى قالتىس ئىكەن» دەپ تەرىپلىدى.
ئىتالىيە نوۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مارتىنا گادىنو تۇرپان مۇزېيىنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىكى رەڭلىك ساپاللار كۆرگەزمە رايونىغا تولىمۇ قىزىقتى. ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى داڭلىق تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى، مەن خېلى بۇرۇنلا بۇ جايغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئارزۇ قىلغانىدىم، مۇزېيدىكى شەكلى ئۆزگىچە، نەقىشلىرى ئاددىي، سېغىز توپىنىڭ ئىللىق ھىدى تارىلىپ تۇرىدىغان ساپال بۇيۇملار كىشىگە تونۇش تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن.
مارتىنا گادىنو مۇنداق دېدى: ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا دۇنيادىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى قەدىمكى يىپەك يولى شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولغان، جۇڭگونىڭ فارفۇر بۇيۇملىرى بۇ يولنى بويلاپ ياۋروپاغا ئۈزۈلمەي يەتكۈزۈلۈپ، ئىتالىيەنىڭ ساپال ۋە فارفۇر بۇيۇم سەنئىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.
تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ، قۇرغاق، ئىسسىق كىلىمات ۋە مۇھىتنىڭ تۈرتكىسىدە زور مىقداردىكى قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى نەچچە مىڭ يىلدىن ھالقىپ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. تۇرپان مۇزېيى شىنجاڭدىكى ئىككىنچى چوڭ مۇزېي بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2000 دانە (يۈرۈش)دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان، ساقلىنىۋاتقان بۇيۇملار تاش، ساپال، ياغاچ، مىس، يارماق، يۇڭ، كەندىر، يىپەك توقۇلما بۇيۇملىرى، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشتە قېزىۋېلىنغان ئىنسانشۇناسلىق ئەۋرىشكىلىرى، ئاشلىق، قۇرۇق مېۋە ھەم تۈرلۈك يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئېسىل بۇيۇملار توپلانغان بولۇپ، جۇڭخۇانىڭ پارلاق مەدەنىيلىكىنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.
ئېكسكۇرسىيەدە بولۇش جەريانىدا، چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى 16 بەگلىك دەۋرىدىكى تەقدىرداش قۇش نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن كەشتە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى گۈل ۋە قۇش نۇسخىسى كەشتىلەنگەن كىمخاب ۋە ئۆسمۈر بۇ تيەنشوۋ كۆچۈرۈپ يازغان «مۇھاكىمە ۋە بايان»، 1:1 نىسبەت بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۇيۇق تاش غارىنىڭ 44- نومۇرلۇق غارى قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىدىن بەس- بەستە ھاياجانغا چۆمدى.
پۈتۈكلەر كۆرگەزمە زالىغا تىزىلغان توختام، ھېسابات دەپتىرى، شەخسىي خەت- چەك قاتارلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرى پولشا ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ماشىمىليان ماناستېسكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىلگىرى چوڭقۇر يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان بۇ قەدىمىي پۈتۈكلەردە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئىزچىللىق خاراكتېرى، ئىجادچانلىق خاراكتېرى، بىرلىك خاراكتېرى، سىغدۇرۇشچانلىق خاراكتېرى، تىنچلىق خاراكتېرى تولۇق نامايان قىلىنغانىدى. «نۇرغۇن پۈتۈكلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى ساقلىنىپ قالغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم، ئۇلارغا تىپتىنچ نەزەر سېلىپ، تارىخ تومۇرىنىڭ سوقۇشىنى ھېس قىلدىم» دېدى ماشىمىليان ماناستېسكى.
ناۋرۇ تاراتقۇ مىنىستىرلىقىدىكى دېرۋىن ئونېئىل توماس بۇ قېتىمقى تۇرپان مۇزېيى سەپىرىنى «نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى» دەپ سۈپەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ناۋرۇ تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، تۇرپان دېڭىز- ئوكياندىن يىراق، جۇغراپىيەلىك مۇھىت مەدەنىيەت پەرقىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ، تۇرپاندىكى ھەممە نەرسە ماڭا ناھايىتى يېڭىچە تۇيۇلدى، «مۇزېيدىكى مول، كۆپ خىل كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق نامايان قىلىش ئۇسۇلى مەندە ئىنتايىن ياخشى تەسىرات قالدۇردى، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق مەن جۇڭگونى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)