شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۇڭجىڭ، 10- ئاينىڭ 17- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ شياۋگې، گو دەن) جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئۆمىكى بىلەن جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «رەڭدار شىنجاڭ» تونۇشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش يىغىنى يېقىندا دۇڭجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەتتىكى ھەر ساھە زاتلاردىن 150تىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كۆلىمى چوڭ، يېرى كەڭ، بايلىقى مول، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شىنجاڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا مۇقىم، ئىناق، ئىتتىپاق، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئوبرازىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ ياپونىيە بىلەن مەدەنىيەت- ساياھەت ساھەسىدە باشتىن- ئاخىر قويۇق بېرىش- كېلىش ۋە دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، بىرقاتار ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستانە بېرىش- كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋۇ جياڭخاۋ سۆزىدە مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ ساياھەت، ئىقتىساد- سودا، زامانىۋى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق، مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ياپونىيەلىك دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيەدە بولۇپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىلگىرى 150 نەچچە قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى شياۋداۋ كاڭيۈ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، ياپونىيەدىكى تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا «رەڭدار شىنجاڭ» سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ۋە ھاياتىي كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، كۆرگەزمە نۇرغۇن ئەزىز مېھمانلارنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)