چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى
10:40:12 2024-10-20 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 پۇرسەتنى ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر جاۋ شيا) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى- ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى.

 چېن ۋېيجۈن «ئۇلۇغۋار غايىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئەسلىي مەقسەتنى تاۋلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ياشلىق باھارىمىز ۋە كۈچىمىزنى بېغىشلايلى»نى باش تېما قىلىپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردىن چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

 چېن ۋېيجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىپ، زور بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى. شۆيۈەننىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل پەنلەرنى گىرەلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خاسلىقى روشەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي قوللىنىش تىپىدىكى تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ ئىسلاھاتىدىكى ئۆرنەك مەكتەپكە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلار پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، ئېتىقادنى چىڭىتىدىغان ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس، قابىلىيەتنى ئۆستۈرىدىغان زۆرۈر دەرس، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈچ ئۇلاش دەرسى، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرىدىغان ئۆسۈپ يېتىلىش دەرسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلق بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، شىنجاڭ بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

 دەرس سۆزلەشتىن بۇرۇن، چېن ۋېيجۈن شىنجاڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى شۆيۈەنىدىكى تەجرىبە- ئەمەلىي مەشىق باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شۆيۈەننىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿地力江·阿力木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125