ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ كەلگەن بىر خىل روھ بار، ئۇ دەل جياۋ يۈلۇ روھى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ «نادىر پارتىيە دەرسى بويىچە بىر ئايدا بىر دەرس» پائالىيىتى قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئۆتكۈزۈلدى، خېنەن جياۋ يۈلۇ كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ «ياخشىمۇسىز جياۋ يۈلۇ» تېمىسىدىكى چۆكۈش شەكلىدىكى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا كىرگۈزۈلۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان، كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى ئۆتۈلدى.
بۇ دەرستە يۇغۇرما تاراتقۇ تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىلىپ، رول ئېلىش، كۆرۈنۈشنى تەقلىد قىلىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن سوئال سوراش، تەسىراتنى يۈكسەلدۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، «خەلقچىل بولۇش، خەلقنى سۆيۈش، جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، ئىلمىي- ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش»تىن ئىبارەت جياۋ يۈلۇ روھى جانلىق، كونكرېت ئىزاھلانغان. بۇ دەرس مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 2023- يىللىق «مۇنەۋۋەر نەزەرىيە لېكسىيە دوكلاتى» بولۇپ باھالانغان.
مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان قەغىزى ئارقىلىق «ياخشىمۇسىز جياۋ يۈلۇ» تېمىسىدىكى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدىكى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسىنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى. «سىزنىڭ جياۋ يۈلۇغا بولغان تۇنجى تەسىراتىڭىز قانداق؟» «جياۋ يۈلۇ رۇس تىلىنى قانداق ئۆگەنگەن؟» قاتارلىق مەسىلىلەر كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. ئاۋاز، نۇر، توك قاتارلىق زامانىۋى كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ تېخنىكىسى ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كەيپىيات داۋامىدا، جياۋ يۈلۇنىڭ «پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى ئۈچ قېتىم يازغانلىقى» «خەتەرلىك پەيتتە بۇيرۇق بويىچە <ئۈچ زىيانداش>نى يوقاتقانلىقى» قاتارلىق ھېكايىلەر ئاستا- ئاستا نامايان قىلىندى. بۇ مەيدان ئالاھىدە پارتىيە دەرسىدە، كۇرسانتلار چەتتە قاراپ تۇرغۇچى بولماستىن، بەلكى يولداش جياۋ يۈلۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، سەپداشلىرى، خىزمەتداشلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ جاپا مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، خالىس ئۆزىنى بېغىشلايدىغان روھىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى.
«خىزمەت جەريانىدا سىز جياۋ شۇجىغا ئوخشاش ئاشۇنداق خەلقچىل بولۇپ، خەلقنى سۆيدىڭىزمۇ؟» «سىز جياۋ شۇجىغا ئوخشاش ئاشۇنداق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدىڭىزمۇ؟» «سىز ئۆز ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق بىر توپ كىشىلەرگە تەسىر كۆرسەتتىڭىزمۇ، بىر جاينىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتتىڭىزمۇ؟»... قەلبلەرگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان «ئون سوئال» دەرس كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. پائالىيەتتە پارتىيە ئەزالىرى يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش سىنلىق تەربىيەلەش سىستېمىسىغا تايىنىلىپ، «ئاساسىي دەرسخانا + شۆبە دەرسخانا» تەربىيەلەش ئەندىزىسى قوللىنىلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر (يىراق مۇساپىلىك) تەربىيەلەش پونكىت- نۇقتىلىرىدا تەڭ قەدەمدە دەرس ئاڭلىدى. قومۇل شەھىرىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە تەربىيەلىنىۋاتقان كۇرسانتلار ۋەكىللىرى قاتارلىق 400دىن ئارتۇق كىشى دەرسنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.
«جياۋ يۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىش جەريانىدا، مەن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم، جياۋ يۈلۇنىڭ جاپالىق مۇھىتتا بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقى ۋە خالىس ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بولدۇم.» رول ئېلىشقا قاتناشقان كۇرسانتلار ۋەكىلى فۇ چياڭچياڭ مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش جياۋ يۈلۇنى ئۈلگە قىلىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئامما ئېھتىياجلىق بولغاندا ياردەم بېرىپ، جياۋ يۈلۇ روھىنى قەلبىمگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمدە نامايان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمەن».
قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ(شۆيۈەن) مۇدىرى ۋەن شېڭجى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل ئوقۇتۇش ئارقىلىق دەرسنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، كۇرسانتلارنى بىر قېتىم تەسىرلىنىش، بىر ئۆمۈر ئەستە چىڭ ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى دەرسى نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بىز خېنەن جياۋ يۈلۇ كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ئىلغار ئىدىيەسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ ھەم ئۆرنەك قىلىپ، قومۇلنىڭ مول قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى تېخىمۇ تولۇق قېزىپ ھەم ئۇنى قىزغىن ئىسلاھات، تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر دەرسلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قومۇلنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)