شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن جيانو، پەن جيې) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP)94تىرىليون 974 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشقان، خەلق ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەن، ياخشىلىنىش ئامىللىرى جۇغلانمىسى كۆپەيگەن.
كەسىپلەر بويىچە قارىغاندا، 1- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 5 تىرىليون 773 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشقان؛ 2- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 36 تىرىليون 136 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، %5.4 ئاشقان؛ 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 53 تىرىليون 65 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.7 ئاشقان. پەسىللەر بويىچە قارىغاندا، 1- پەسىلدە GDP بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان، 2- پەسىلدە %4.7 ئاشقان، 3- پەسىلدە %4.6 ئاشقان. سېلىشتۇرما نىسبىتىدىن قارىغاندا، 3- پەسىلدە(GDP) 0.9%ئاشقان.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم ئاشقان، مۇلازىمەت كەسپى سىجىل ئەسلىگە كەلگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، يېزا ئىگىلىك (تېرىقچىلىق)نىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق، چىلگە شال ھوسۇلى جەمئىي 177 مىليون 950 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3 مىليون 460 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %2.0 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئاشقان. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، 3D بېسىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم %33.8، %26.0، %25.4 ئاشقان. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشقان.
بازاردا سېتىش ئېشىشنى ساقلىغان، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمى داۋاملىق كېڭەيگەن. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 35 تىرىليون 356 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.3 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 37 تىرىليون 897 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشقان؛ ئۆي- زېمىن تەرەققىياتى سېلىنمىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %7.7 ئاشقان.
مال ئىمپورت- ئېكسپورتى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، سودا قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مال ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 32 تىرىليون 325 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت 18 تىرىليون 614 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.2 ئاشقان؛ ئىمپورت 13 تىرىليون 710 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.1 ئاشقان. ئىمپورت- ئېكسپورت ئوخشاش كۆلەمدە بولۇپ، سودا ئاكتىپ بالانىسى 4 تىرىليون 904 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان.
ئاھالە ئىستېمال باھاسى مۆتىدىل ئۆرلىگەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئۆرلىگەن، ئۆرلەش نىسبىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت كېڭەيگەن. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى يادرولۇق CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئۆرلىگەن. مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.1 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن.
ئاھالە كىرىمى داۋاملىق ئاشقان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 30 مىڭ 941 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.2 ئاشقان، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %4.9 ئاشقان.
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شېڭ لەييۈن مۇنداق بىلدۈردى: دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، سىياسەت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەردە يېقىندا پائال ئۆزگىرىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىش ئاساسىنى يەنىلا مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلىدۇ. كېيىنكى باسقۇچتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنىڭ ماس كۈچىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)