«نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنى كەچتە، «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو . شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» تور باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى تۇرپاندىكى يارغول قەدىمىي شەھىرىدە باشلاندى. مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ يىبىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن جېڭۋېي ليۇ جيەنمىڭ، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لو ۋېنلى، خەلق گېزىتخانىسى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، باش كاتىپ يۈ جىجۈن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تور باش تېمىلىق تارقىتىش تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بەدىئىيلەشتۈرۈپ بايان قىلىش، ھەمتۈرتكىلىك ئىپادىلەش، كۆرۈنمە شەكىلدە تارقىتىشتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا دائىر تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭدا «ئىدىيەۋىلىك + بەدىئىيلىك + تېخنىكىلىق + تارقىتىش خاراكتېرلىك»دىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق، تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن تارقىتىش شەكلىدە، شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىنىدۇ.
باشلىنىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «مىڭ يىللىق ئەكس سادا» «ئورتاق ماكان» «تىيانشاندا ئۇچرىشىش»تىن ئىبارەت ئۈچ سەھىپىنى چۆرىدەپ كۆرۈنۈشلۈك بايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي ئىزنالىرى ۋە مەدەنىيەت ئاساسىنى ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە نەق مەيداندا تور باش تېمىسىدىكى يەتتە تارقىتىش تۈرىنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تور تارقىتىش ئىدارىسى، دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى سىياسەت ۋە قانۇن - نىزام مەھكىمىسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي ئىزلار مەھكىمىسى، ئارخېئولوگىيە مەھكىمىسى، مۇزېي ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى، بىڭتۇەن مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، خەلق تورى، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)