شۈ يۈەن
گۇگۇم ۋاقتى بولدى، ھېلىقى دۈمچەيگەن سىيما ئاللىقاچان كېتىپ قالدى، لېكىن مەن يەنىلا ئۆز جايىمدا قېلىپ، ئېگىز تامدىن ئۇنىڭغا بېقىشنى، ئۇنىڭغا قاراشنى خالايمەن!
ئۇ ماڭا ھەرقانداق ئىشتا ھۇرۇنلۇق قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 3- يىللىقتا سىنىپقا ئايرىلغاندىن كېيىن، تەلىيىمگە ما جۈنمىڭ مۇئەللىم بىلەن ئۇچراشتىم. شۇ چاغدىن باشلاپ، بىز ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بېرىپلا، ئالدى بىلەن مەيداننى ئىككى- ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ يۈگۈردۇق. دەسلەپتە يېڭىلىق بىلىنىپ، ھەر كۈنى ئىككى- ئۈچ ئايلىنىپ يۈگۈردۈم. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىق تۇيغۇسى يوقاپ، ئاستا- ئاستا ھۇرۇنلۇق قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم... بىر كۈنىگە كەلگەندە، مېنىڭ پەقەتلا يۈگۈرگۈم كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قەدىمىمنى توختىتىپ بىر يېقىن دوستۇم بىلەن پاراڭلىشىپ كەتتىم. لېكىن كىم بىلسۇن، ئۇ ھەممىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇپتۇ. ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ئېغىز ئاچتى: «بۈگۈن ئەتىگەن مەيداندا سەيلە قىلغان ئىككى ساۋاقداش، مەن سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىشنى ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بولمىسا قىلغان ئەجرىڭلار بىكارغا كېتىدۇ». ئارقىدىن، مەن ۋە دوستۇمغا قاراپ قويۇپ، قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا داۋاملىق قوماندانلىق قىلدى. دوستۇم ئىككىمىز بەك خىجىل بولدۇق. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، تاڭ نۇرى چۈشۈشى بىلەن تەڭ مەيداندا يەنە گۈپۈلدەپ يۈگۈرگەن ئاياغ ئاۋازى ياڭرىدى!
ئۇ نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ، تەپەككۇرىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە قانات قوشتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينى يىلى ئۇ ئالدى بىلەن بىزگە جۇڭگونىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنى تونۇتۇپ، ئاندىن جۇڭگو خەرىتىسى ئارقىلىق بىزگە ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ نامى، ئۆلكە مەركىزى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنىنى تونۇتقانىدى. مەن دەسلەپتە ئويناپ بېقىش خىيالىدا ئىدىم، لېكىن كىم بىلسۇن، بىر نەچچە قېتىم ئويناپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيدە بىر ئاق تامغا قاراپ تۇرۇپ، بوۋامغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئورنى ۋە ئۆلكە مەركىزىنىڭ نامىنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بەردىم، بوۋام ماڭا باشمالتىقىنى چىقاردى! ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيا خەرىتىسى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، قەلبىمگە ۋەتەننى مەۋقە قىلىپ، دۇنياغا نەزەر سالىدىغان ئۇرۇقنىڭ تېرىلغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
ئۇنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس، لېكىن مېنىڭ قەلبىمدە ئۇ گىگانت ئادەم؛ ئۇ يول ماڭغاندا مەڭگۈ دۈمچىيىپ ماڭسىمۇ، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولۇمدىكى تىك قەد كۆتىرىپ تۇرغان بىر ئابىدە. ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بىر كېچىدىكى يۇلتۇزغا ئوخشاتساق، ئۇنداقتا، ئۇ چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چاقناپ تۇرىدىغان يەتىكەن يۇلتۇزى. ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى بۈك- باراقسان ئورمانلىققا ئوخشاتساق، ئۇ دەل ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زەبەردەس قارىغاي! ئەگەر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قوماندانلىق قىلىۋاتقان جياڭجۈنگە ئوخشاتساق، ئۇ جۇگې لياڭ، گو جيالارغا ئوخشاش تەڭداشسىز تالانت ئىگىسى! بىز گەرچە پەقەت بىر مەۋسۇم بىللە ئۆتكەن بولساقمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر كۇبلېت شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىمەن. ئۆكۈنىمەن ئۇستاز بىلەن قايتا دىدار يوق ئەمدى، خوشلاشقاندا كۆزلىرىمگە ھىجران يېشى لىق تولدى. ئۇستازىمنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتتۇر ھەممىسى، مىڭ يىل ئۆتسە ھەم ئاياندۇر ماڭا بۇنىڭ مەنىسى.
ما مۇئەللىم، مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ قالتىس ئادەم.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى خېياڭ ناھىيەلىك چېڭگۇەن باشلانغۇچ مەكتىپى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)