تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ئوخشاش بىر پىشايۋان ئاستىدا
17:43:19 2024-10-21 شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

 شياڭگاڭنىڭ مەلۇم تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى بىر جايغا تولۇق جەم بولۇش» دېگەن نادىر دىيالوگ بار، لېكىن، ھازىر بۇنداق قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن بولۇپ قالدى.

 قىشلىق تەتىلگە ئاز قالدى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى يەنىلا تولۇق جەم بولالمايدىغان ئوخشايمىز. ئاتا- ئانام پەسىل قۇشلىرىغا ئوخشاش، دېڭىز بويىدىكى ھاۋاسى ئىللىق شەھەرلەرگە بېرىپ قىشلىماقچى ھەم كونا دوستلىرى بىلەن ھال- مۇڭ قىلماقچى بولۇشتى؛ مېنىڭ تىنچ، خالىي جايدا يېزىقچىلىق قىلغۇم بار؛ يولدىشىم يۇرتىغا قايتىپ، قىشنى قېرىنداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئاللىقاچان پىلانلاپ قويدى؛ قىزىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر مەۋسۇم ئالدىراش ئوقۇغاچقا، تەتىلدە ئارالغا بېرىپ قۇلۇلە قېپى تېرىپ كەلمەكچى ئىكەن. بىزنىڭ بۇ كىچىك ئائىلىمىزدە ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كاتتا ئارزۇلىرى بار ئىدى.

 ناۋادا ئۆزلۈك دۇنياسىنىڭ چېگراسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋەرسە، بىز تەنھا جەڭچىگە ئايلىنىپ قالىمىز، دونكىخوتقا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ چاقپەلىكىگە جەڭ ئېلان قىلىدىغان بولۇپ قالىمىز.

 ھەر كۈنى سەھەردە، بىز دان ئىزدەپ ئۇۋىسىدىن چىققان قۇشلارغا ئوخشاش، ئۆزىمىز تەۋە جايغا ئاتلىنىمىز. بالىلار كۈن بويى مەكتەپتە بولىدۇ، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن خىزمەت ئورنىدا جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرمىغاچقا، تەبىئىيلا ئورتاق قاراشمۇ بولمايدۇ. بىلىم بىلەن پەن- تېخنىكا تېز سۈرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان ئۇچۇر دەۋرىدە، ئاتا- ئانىلار دەۋرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى تۈپەيلى شاللىنىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ياشلارنىڭ ھازىرقى زامان ئورمانلىقىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈشىگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. بىز قىسقا ۋاقىت جەم بولۇش، ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ تۇرۇشقا كۆنۈپ قالدۇق. شۇڭلاشقىمۇ، خىزمەتتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقانلار ئاپتوموبىلىدا بىرئاز ئارام ئېلىۋالىدۇ، بىرەر تال تاماكا چېكىدۇ، بىرەر ناخشا ئاڭلايدۇ، ئاندىن، تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ئۆيىگە قەدەم ئالىدۇ.

 تېرىقچىلىق دەۋرىدە ئىنسانلار بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرگەچكە، تەبىئىيلا بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆملۈكتە ئىش قىلاتتى، بىرى دەرەخكە ياماشسا، يەنە بىرى ياردەملىشەتتى، بىرى بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن تور تاشلىسا، يەنە بىرى كېمە ھەيدەيتتى. «تيەنشيەنپېي» ناملىق ئەلنەغمىدە: سىز توقۇسىڭىز رەختنى، مەن ئاغدۇراي يەرنى، ئەپكەشتە توشىسىڭىز سۇنى، سۇغىراي مەن ئېتىزنى، دېگەن دىيالوگ بار. مانا بۇ ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ياشايدىغان تۇرمۇش ئەندىزىسى، مېھرىبانلىق ۋە يار- يۆلەك بولۇشمۇ مانا مۇشۇنداق زىممىگە ئېلىش ۋە ھەمكارلىشىش جەريانىدا ئاستا- ئاستا شەكىللەنگەن.

 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىكى بىر ئائىلىنىڭ ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن «تۈرتكە» ناملىق كىنودا ئەنئەنىۋى ئائىلىلەردىكى ۋەيران بولۇش كىرىزىسى سۆزلەنگەن. ئوكيان ھالقىپ ئوغلى بىلەن جەم بولغان تەيجى گۇمپىسى ئۇستىسى جۇ ئۇستاز مەدەنىيەت بىلەن قاراش ئارىسىدىكى ھاڭدىن ئاتلاپ ئۆتەلمەي، سۇ بىلەن ئوت چىقىشالمىغاندەك، كېلىنى ماشا بىلەن پەقەتلا چىقىشالمايدۇ، ھەتتا، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمۇ پەقەتلا ئوخشاشمايدۇ، ئوخشاش بىر پىشايۋان ئاستىدا ياشاۋاتقان قېيىنئاتا بىلەن كېلىن ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ، بىر- بىرىنى ياراتمايدۇ.

 لېكىن ئائىلە نېمىلا دېگەن بىلەن ئائىلىدە، ئۇنىڭغا جەم بولۇش، ئالاقىلىشىش، كۆيۈنۈش، سېغىنىش ۋە بىرلىكتە ئۆسۈپ يېتىلىش مۇساپىسى مۇجەسسەملەنگەن. سانسىز يول قويۇش ئارقىلىق بىز ھۆرمەت قىلىشنى، ئەپۇ قىلىشنى ۋە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگەندۇق؛ شۇنداقلا يەنە ئائىلە ئەزالىرىغا ئازادە ۋە خالىي ۋاقىت قالدۇرۇشنى ئۆگەنمەكتىمىز.

 بىز ئىلگىرىدەك جەم بولالمايدىغان بولۇپ قالدۇق، ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىدىلا ياشاۋاتىمىز، لېكىن، يەنىلا بىر- بىرىمىزنى سېغىنىمىز ۋە بىر- بىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125