ئەنجۈرنىڭ ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرۇش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئىشتىھانى ئېچىش، زەھەر قايتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ خىل ئۈنۈمى بار. ھازىرقى زامان ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئەنجۈردە يېمەكلىك تالاسى، ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى مول بولۇپ، ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىكەن، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى پولىساخارىد قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن. باش كۈزدىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا ئەنجۈر يەپ بەرگەندە، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى ھۆللۈكنى ھەيدەش، ساغلام ھالەتنى ساقلاشقا ياردىمى بار ئىكەن.
ئەنجۈر ئۆپكىنى سىلىقلاپ ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ
17:44:03 2024-10-21
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义