ئالتاي شەھىرىدە AAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدىن ئۈچى يېڭىدىن كۆپەيدى
18:31:58 2024-10-21 تىيانشان تورى

 تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت مەنزىرىسى تەڭ جۇلالاندى

 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى «ئالتاي شەھىرىدىكى ۋۇجىچۈەن مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئۈچ مەنزىرە رايونىنى AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىشنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى ئېلان قىلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئۆلچىمى «ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى ئايرىش ۋە باھالاپ بېكىتىش»كە ئاساسەن، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ پائال كۆرسىتىشىدە، ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى قاتتىق تەكشۈرۈش ھەم تەرتىپك بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاپ بېكىتىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئالتاي شەھىرى ۋۇجىچۈەن مەنزىرە رايونى، ئالتاي شەھىرى 1- چارۋىچىلىق مەيدانى چەۋەندازلىق بازىسى، ئالتاي شەھەرلىك كۆكسۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىنى AAA دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قىلىپ بېكىتتى.

 ئالتاي شەھىرى ۋۇجىچۈەن مەنزىرە رايونى

 ئالتاي شەھىرى ۋۇجىچۈەن مەنزىرە رايونى ئالتاي شەھىرى خاندىغات موڭغۇل يېزىسىنىڭ ئۇدۇل شىمال تەرىپىدىن ئۈچ كېلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 633 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەردە، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە تاش تاغ، بەشبارماق تاش ۋە ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيى بىر- بىرىگە ھۆسىن قوشقان بولۇپ، ئەتراپتىكى غەلىتە تاشلار ۋە تۇتاش كەتكەن ئاق قېيننزارلىق، تېرەكزارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. خاندىغات دەرياسىنى بويلاپ ئاستا ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، ياپ- يېشىل تاغلار، سۈپسۈزۈك سۇلار، بۈك-  باراقسان ئورمانلار، سايرىشىپ تۇرغان قۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، گۈزەل مەنزىرە كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ۋۇجىچۈەننىڭ يېنىدىكى تاشلارنىڭ شەكلى ھەرخىل بولۇپ، گاھىلىرى پاقىغا، گاھىلىرى تاشپاقىغا، گاھلىرى كالىغا، گاھىلىرى ئاتقا، ھەتتا مۇزلۇققا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئادەم كۈچى ۋە شامال كۈچىدە نەچچە ئون مىڭ يىل مابەينىدىكى سۈركىلىشلەردىن شەكىللەنگەن. ۋۇجىچۈەن بۇلىقىنىڭ سۈيىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان كالىي، ناترىي، كالىتسىي قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق ئېلېمىنت بار بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى بەدىئىي زوقلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قەدەر يۇقىرى پەن- تەتقىقات قىممىتىنى ھازىرلىغان.

 ئالتاي شەھىرى 1- چارۋىچىلىق مەيدانى چەۋەندازلىق بازىسى

 ئالتاي شەھىرى 1- چارۋىچىلىق مەيدانى چەۋەندازلىق بازىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن 16 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 420 مو كېلىدۇ. بۇ يەردە ئات ئېغىلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەۋەندازلىق كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانىسى، چەۋەندازلىق ئەمەلىي مەشىق ئورنى، تاماشىبىنلار كۆرۈش سۇپىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن. چەۋەندازلىق مەيدانى قۇرۇلغاندىن بۇيان، «ئاپتونوم رايونلۇق ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.

 ئالتاي شەھىرى كۆكسۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى

 ئالتاي شەھىرى كۆكسۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونى ئالتاي شەھىرى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە 23.8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا 20.2 كىلومېتىر كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى چۆللۈكلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سازلىق سۇلۇق يەر ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنىڭ سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە، زور مىداردىكى پەسىل قۇشلىرى بۇ يەردە توختاپ دەم ئېلىپ، سۇلۇق يەردىكى بىر يارقىن مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.

 (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لى شىنئەي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125