كىتاب ھىدىغا تولۇش سەنشى- شىنجاڭ قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيەت بازىسى بەرپا قىلدى
18:34:49 2024-10-21 تىيانشان تورى

10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ۋۇجياچۈ شەھىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىغا كىرسىڭىز، پاكىز، ئازادە زال، رەتلىك تىزىلغان تۈرلۈك كىتابلار دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ، ھەربىر يەردىن تارقىلىپ تۇرىدىغان كىتاب ھىدىنى ھىس قىلىسىز... بۇ يەر شۇ جايدىكى ئامما مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن قانغۇچە ھۇزۇر ئالىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالدى. بۇ كۇتۇپخانا سەنشى ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان مۇھىم تۈرلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 2018- يىلى 9- ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئۆزگىچە جەلپكارلىقى بىلەن سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلدى. ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسى شۇ جاينىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە سەنشى- شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ)

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىدا كىتاب ئوقۇپ ئۆگىنىش قىلماقتا. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش ئۈچۈن، كۇتۇپخانا ھۆججەت بايلىقى بىلەن لېكسىيە، كۆرگەزمە، مەدەنىيەت سالونى، ئاتا ـ ئانىلار ۋە بالىلار قول سېلىپ ئىشلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، كۇتۇپخانىنىڭ جەمئىيەت تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىدا گېزىت- ژۇرنال ئوقۇماقتا. بۇ يىل 1- ئايدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارنى باھالاپ دەرىجىسىنى بېكىتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسى «دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك كۇتۇپخانا» بولۇپ باھالاندى.

ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىنىڭ زالىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر تەرەپلىمە كۆرسىتىش سۇپىسى.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئوقۇش رايونىدا ئۆگىنىش قىلماقتا.

شەھەر ئاھالىلىرى ۋۇجياچۈ كۇتۇپخانىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش رايونىدا كىتاب ئوقۇماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125