ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس، تىرىشقاندىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ
10:37:22 2024-10-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، جاڭ يەن

بۇ قېتىم فۇجيەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر خىل روھنى تىلغا ئالدى: «ئالدىدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلىش، تىرىشىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش»؛ ئەنخۇي خېفېيدا، ئۇ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى نەقىل كەلتۈردى: «ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس».

جان تىكىپ ئېلىشىش باش شۇجىنىڭ فۇجيەن- ئەنخۇي سەپىرىنى چۈشىنىشتىكى بىر ئاچقۇچلۇق سۆز.

تەكشۈرۈشتە بولغان تۇنجى بېكەت فۇجيەننىڭ دۇڭشەن ئارىلى بولۇپ، بۇ، دۇڭخەي دېڭىزى بىلەن نەنخەي دېڭىزى تۇتاشقان جايدىكى كېپىنەكسىمان كىچىك ئارال.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىدە، شامالغا يۈزلىنىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇماخۇاڭ دەرىخىنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان قارامتۇل يېشىل رەڭدىكى يىڭنە يوپۇرماقلىرى خۇددى تاغ- دەريالار ئارىسىدىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشنى بايان قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

«ئارىدىن 23 يىل ئۆتۈپ يەنە كەلدىم، تولىمۇ خۇشال بولدۇم، تولىمۇ ھاياجانلاندىم، دۇڭشەن ئارىلىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بوپتۇ.» 10- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۇڭشەن ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇرجىكىدىكى ئاۋجياۋ كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىڭخەي چوڭ يولىنى بويلاپ پىيادە ماڭغاچ يىراقلارغا نەزەر سالدى.

زۇمرەتتەك دېڭىز دولقۇنلىرى بىردە كۆتۈرۈلۈپ، بىردە پەسىيىپ تۇراتتى، ئىلگىرى تۇرغان بۇ جاي يېڭى قىياپەتكە كىرگەنىدى.

«يېقىندىكىسى خۇيۈ ئارىلى بولۇپ، خۇددى ياتقان جەسۇر يولۋاستەك كۆرۈنىدۇ؛ يىراقتىكىسى لۇڭيۈ ئارىلى بولۇپ، خۇددى غايەت زور ئەجدىھا توغرىسىغا ياتقاندەك كۆرۈنىدۇ.» كەنت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لىن خۇاجۇڭ دېڭىز يۈزىنى كۆرسىتىپ، باش شۇجىغا شەكلى ئاجايىپ ئىككى كىچىك ئارالنى تونۇشتۇردى.

دېڭىز كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىدىغان يۈكسەك ئىرادىگە ئىگە قىلىدۇ. گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەي قالىدىغان دېڭىز دولقۇنىدا جان تىكىپ ئېلىشىش كىشىلەرنىڭ ئەجدىھادەك زېرەك، يولۋاستەك جەسۇر ئىرادىسىنى، جۇشقۇنلۇققا تولغان جاسارىتىنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەينى يىلى دېڭىز سەۋەبىدىن قاپسىلىپ قالغان دۇڭشەندىن ئىبارەت بۇ قۇم- بورانلىق ئارال بۇرۇنلا دېڭىز ئارقىلىق گۈللەنگەن ئېكولوگىيەلىك ئارالغا ئايلانغانىدى.

ئاۋجياۋ كەنتىدىكى شىڭخەي چوڭ يولىدىن بېلىقچىلىق پورتى پىرىستانىغىچە، ئائىلىۋى مېھمانخانىلار قاتار- قاتار سېلىنغان بولۇپ، بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ ماچتىلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. دېڭىز قولتۇقىدا مەيىن شامال يېڭى تۇتۇلغان بېلىقلارنىڭ پۇرىقىنى ئۇچۇرۇپ كەلدى، بالاڭ بېلىقى، كۆك چىپار قىسقۇچپاقا، سىياھ بېلىق، خەيدەي... دېڭىز ئېتىز قىلىنىپ، دېڭىز- ئوكياننىڭ يوشۇرۇن كۈچى قېزىلغانىدى.

پىرىستان بويىدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا، كەنت ئاھالىلىرى خۇشال ھالدا باش شۇجىغا دېڭىزنىڭ سوۋغىسىنى سۆزلەپ بەردى.

«مەن فۇجيەندە خىزمەت قىلغان چاغدا، ئاراللىرىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەينى چاغدا <تاغ- دەريالار دەستۇرى>نى ئوقۇپ، تاغدا ياشاپ، تاغقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش، دېڭىزدا ياشاپ، دېڭىزغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم» دېدى باش شۇجى ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەپ.

فۇجيەننىڭ جەنۇبىدىكى كىشىلەر دائىم «كېمە ھەيدەش، ئاتلىق مېڭىش پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ» دېيىشىدۇ. ئىلگىرى بېلىقچىلىق كەنتىدىكى كىشىلەر دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، بېلىق تۇتۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بىر قولۋاق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. بۈگۈنكى كۈندە، دېڭىز- ئوكياندا بېلىق تۇتۇش، دېڭىز سۈيى باقمىچىلىقى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتىن تارتىپ دېڭىز مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئائىلىۋى مېھمانخانا، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودىسىغىچە، ئۇلار تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

دېڭىز شامىلى يېنىك سىيپاپ ئۆتەتتى، قۇياش پارلاپ تۇراتتى. ئايرىلىش پەيتىدە، باش شۇجى يۇرتداشلارنى «<دېڭىز>نى چۆرىدەپ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئورتاق بېيىش يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەش»كە ئىلھاملاندۇردى.

«ديېداۋ ئارىلى» كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش قىلماقتا، لۇداۋ ئارىلى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا.

شيامېن، يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەنگە بېرىپ خىزمەت قىلغان تۇنجى بېكەت، بۇ يەرگە ئۇنىڭ قىممەتلىك ئىش كۆرۈش ئەمەلىيىتى ۋە تەپەككۇرى مۇجەسسەملەنگەن، «مېنىڭ ئەينى چاغدا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا شيامېنغا كېلىشىم ئىسلاھاتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئېچىۋېتىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى».

شۇ چاغدىكى شيامېن تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى تېخىمۇ تېز قۇرۇش، تېخىمۇ ياخشى قىلىش» ئۇسۇلى ۋە يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىۋاتاتتى.

شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدىن شيامېن ئەركىن سودا سىناق رايونى بۆلەك رايونىغىچە، ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتتى، دەۋر يېڭى سەھىپىسى پۈتۈلدى. 10- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيامېن ئەركىن سودا سىناق رايونى بۆلەك رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

كۆرگەزمە زالىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش تېمى خۇددى دېڭىز دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن ۋە پەسەيگەندەك بولۇپ، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭغا تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكىچە، شيامېن ئەركىن سودا سىناق رايونى بۆلەك رايونىنىڭ باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىشتەك بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەنىدى.

كۆرگەزمە سۇپىسىغا 1989- يىلى 9- ئايدا نەشر قىلىنغان «1985- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە شيامېننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» ناملىق كىتاب قويۇلغان بولۇپ، مەسئۇل مۇھەررىر دەل يولداش شى جىنپىڭ ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كىتابنى قولىغا ئېلىپ تەپسىلىي ۋاراقلىغاندا، ئەينى يىللاردىكى جاپالىق ئىگىلىك تىكلىگەن مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

«شيامېن ئەركىن پورت ئەندىزىسى ئاساسىي تەسەۋۋۇرى» «شيامېن شەھىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىچكى- تاشقى تەسىر كۆرسىتىش رولى» «شيامېن شەھىرىنىڭ 2000- يىلىغىچە بولغان پەن- تېخنىكا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» «شيامېن شەھىرىنىڭ شەھەر- بازار سىستېمىسى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىت مەسىلىسى»... 30 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۇلۇغۋار پىلانىغا ئائىت بۇ كىتابنىڭ بەتلىرى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا زامان- ماكاندىن ھالقىغان نۇر چاقناپ تۇراتتى.

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە ئۆزىگە ئىشەنگەندەك مۇنداق ئالدىن ئېيتىلغانىدى: بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ شيامېن ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىشقا ئىرادىمىز بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ھەم كېيىنكى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ چوقۇم شيامېن خەلقىنى يېتەكلەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئىشەنچىسى بار...

«مەن ئىلگىرى ئالاھىدە رايون ئادىمى ئىدىم». يولداش شى جىنپىڭ «شيامېن روھى»نى مۇنداق چوڭقۇر خۇلاسىلىگەن − جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، جان تىكىپ يېڭىلىق يارىتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇپ ھەممىنى قوبۇل قىلىش، كەڭ قورساق بولۇش- ئىناق بولۇش.

بىر ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نۆۋەتنى نۆۋەتكە ئۇلاپ ئىشلىدى، ئەۋلادمۇئەۋلاد «ئالاھىدە رايون ئادەملىرى» باشتىن- ئاخىر ئىسلاھات زور دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇردى، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا ماڭدى.

ھازىرغا نەزەر سېلىپ ئۆتمۈشنى ئەسلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى: «بۈگۈنكى شيامېننى كۆرۈپ، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بىز بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلەشكە قاتناشتۇق، بۈگۈنكى كۈندىكى تەرەققىيات بىزنىڭ ئەينى چاغدىكى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ ياخشى بوپتۇ».

ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش رىۋايىتى جان تىكىپ ئېلىشىش داۋامىدا ۋۇجۇدقا كەلدى؛ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى جان تىكىپ ئېلىشىش داۋامىدا ئەمەلگە ئاشتى.

ئەزەلدىن دېڭىزدىن يىراق، چېگرادىن يىراق بولغان «جياڭخۇەيدىكى كىچىك شەھەر» بىر سەكرەپلا «پەن- تېخنىكا»دا يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىگە ئايلاندى، ئەنخۇي خېفېينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

20 نەچچە يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەرلەر خەرىتىسىدە خېفېينىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى80نىڭ سىرتىدا تۇراتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ 20 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم خېفېيغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، باشتىن- ئاخىر دىققىتىنى بۇ يەرنىڭ «تەرەققىيات ئاچقۇچى»غا مەركەزلەشتۈردى.

خېفېي بىڭخۇ ئىلىم- پەن شەھەرچىسىنىڭ قۇرۇلۇشى شەھەر تەرەققىيات رامكىسىغا تىرەك بولدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مۇھىم پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك كۆرگەزمىسىنى كۆردى.

كۆرگەزمە زالىدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، يېڭى تىپتىكى كۆرسىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىۋانت پەن- تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللىك نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىنىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپلاشقان جاينىڭ كۈچلۈك يادرولۇق ئەمەلىي كۈچى بىۋاسىتە نامايان قىلىنغانىدى. باش شۇجى قەدىمىنى توختىتىپ، تەپسىلىي كۆردى.

«<ئىرادىلىك كىشىنى ئۈچ كۈن كۆرمىگەندە، يېڭىچە نەزەر بىلەن قاراشقا توغرا كېلىدۇ> دېيىشكە بولىدۇ»، بۇ سۆزگە قۇۋۋەتلەش مۇجەسسەملەنگەن.

«جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پەن- تېخنىكا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇقەررەر يول.» نەق مەيداندىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى ئالدىدا، باش شۇجى قىلغان سۆزلەر كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، «<ھاياتتا ئېلىشىش پۇرسىتى كۆپ ئەمەس>، كۆپچىلىك دادىل بولۇپ، داۋاملىق تىرىشىپ، پەن- تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.»

كۆرگەزمە زالى ئىچىدە ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى، ئۇلۇغۋار ئىرادە ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى.

شۇ جاينىڭ تەرەققىيات قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ روھىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تەبىئىي مۇھىت ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكى تەبىئىيلا تەرەققىياتنىڭ مۇھىم شەرتى ھېسابلىنىدۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس.

بۇ قېتىم فۇجيەن دۇڭشەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇ ۋېنچاڭ خاتىرە سارىيىنى ئالايىتەن ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇنداق بىر ئابزاس سۆز بار: «بىز كوممۇنىستلار تەبىئەتنىڭ قۇلى بولماسلىقىمىز، تەقدىرگە تەن بەرمەسلىكىمىز، قىيىنچىلىق ئالدىدا چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك، تەبىئىي شارائىت ھەرقانچە ناچار بولسىمۇ، بۇ يەردە سوتسىيالىزم قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك!»

چۈشەندۈرگۈچى باش شۇجىغا مۇنداق بىر تەپسىلاتنى سۆزلەپ بەردى −

1958- يىلى، گۇ ۋېنچاڭ دۇڭشەن خەلقىگە باشلامچىلىق قىلىپ مۇماخۇاڭنى سىناق تىكىۋاتقاندا، تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق يېتىپ كېلىپ، كەڭ كەتكەن مۇماخۇاڭلار ئاساسەن قۇرۇپ كېتىپ، پەقەت توققۇز تۈپلا ئەي بولغانىدى، نۇرغۇن كىشى كۆڭلى سوۋۇپ ئۈمىدسىزلەندى، ئەمما گۇ ۋېنچاڭ بۇنىڭدىن ئۈمىدنى كۆردى: «توققۇز تۈپ بولغان ئىكەن، چوقۇم توققۇز يۈز تۈپ، توققۇز مىڭ تۈپ، 90 مىڭ تۈپ بولىدۇ!»

مىليونلىغان، تۈمەنلىگەن، مىڭلىغان، يۈزلىگەن، ئونلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىردىن باشلانغان. «دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن ئۇلۇغ؛ دەل مۈشكۈل بولغانلىقتىن تېخىمۇ شەرەپلىك.»

ئورمان دولقۇنلىرىدا، مۇماخۇاڭ دەرەخلىرى كۆك بىلەن بوي تالاشقانىدى؛ بىپايان دېڭىز ئاسمىنى چەكسىز بولۇپ، دەۋر دولقۇنىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 20- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125