10- ئاينىڭ 22- كۈنى، دۆلىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 6- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق تەيپىڭ 3- نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىردى، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ، ئاساسلىقى، يەر يۈزىدىكى رادار ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆلچەملىك سېلىشتۇرۇش ۋە RCS ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ، يەر يۈزىدىكى ئوپتىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىنىقى ۋە تۆۋەن ئوربىتىلىق بوشلۇق مۇھىتىنى تەكشۈرۈش كۆزىتىش سىنىقىنى قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئاتموسفېرا بوشلۇق مۇھىتىنى ئۆلچەش ۋە ئوربىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مودېلىنى تۈزىتىشنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
سىن مەنبەسى: خەلق گېزىتى دوۋيىن نومۇرى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)