ئاپتوموبىل ئىگىسى جاڭ x ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈزۈك سىزىقتىن ئاساسىي يولغا كىرگەندە شېن xنىڭ ئۇدۇلدىن ھەيدەپ كەلگەن ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. جاڭ x تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.
قارىماققا بىر مەيدان قاتناش ھادىسىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق ۋەقە ئارقا- ئارقىدىن يۈز بەرگەن، شوپۇر بىردەك شېن x بولۇپ، تۆلەم پۇلىمۇ شېن xنىڭ كونتروللۇقىدىكى ھېساباتقا كىرگەن، بۇ ئىش ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بېيجىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا باش ئەترىتى بىلەن قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، شېن xنىڭ ئالاقىدار قىلمىشلىرىنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ، ئىسپات توپلاشنى قانات يايدۇرغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، شېن x قاتناش ھادىسىسىنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى ئارقىلىق، «قەستەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن قاقتى- سوقتى قىلىنغان» ئاپتوموبىل ئىگىسى بىلەن «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسىنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىش كېلىشىمنامىسى» ئىمزالىغان. ئاپتوموبىل ئىگىسى سۇغۇرتا تۆلەم پۇلى تۆلەشكە ھوقۇق بېرىش خېتىنى چىقىرىپ بەرگەندىن كېيىن، شېن x سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئاز سوممىلىق تېز تۆلەم بېرىش تەرتىپى ئارقىلىق تۆلەم ئالغان، ھەر قېتىملىق تۆلەم سوممىسى نەچچە مىڭ يۈەندىن 10 - 20 مىڭ يۈەنگىچە بولغان.
«شېن x كۆرۈش دائىرىسى كەڭ، كۆرۈش ئارىلىقى ياخشى بولغان يول بۆلىكىنى كۆپرەك تاللاپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتىنى قەستەن ئاستىلىتىپ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بەلگىلىك ئارىلىق ساقلاپ مېڭىپ، باشقا ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى قىسىلىپ كىرىپ يانداپ باشقا يولغا كىرىشكە قەستەن ئازدۇرغان. بولۇپمۇ ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قوشۇمچە يولدىن ئاساسىي يولغا كىرىپ ياندىشىپ ماڭغاندا، ئۇ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ياندىكى ئاپتوبوبىلغا سوقۇلغان. شېن x ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇدۇل ماڭغاچقا، ھەمىشە قارشى تەرەپ ھادىسىدە تولۇق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغان»، دېدى بېيجىڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا باش ئەترىتىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى ساقچىسى تونۇشتۇرۇپ. بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى شېن xنى قەستەن سوقۇلغان دەپ گۇمانلانغان بولسىمۇ، لېكىن تولۇق دەلىل- ئىسپات يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوممىسى كۆپ بولمىغاچقا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۈرۈشتۈرمىگەن. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، 2019- يىلىنىڭ بېشىدىن 2024- يىلى 7- ئايغىچە، شېن x ئوخشاش بولمىغان توققۇز موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ، 190 قېتىمدىن ئارتۇق قەستەن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئامما 200دىن ئاشقان، قانۇنسىز ئېرىشكەن پايدىسى 1 مىليون يۈەندىن ئاشقان، سۇغۇرتا شىركىتى ۋە ئاممىغا ئېغىر زىيان سالغان، يول ئاممىۋى بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كەلگەن.
«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان <قەستەن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قاقتى- سوقتى قىلىش قانۇنغا خىلاپ جىنايى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر>گە ئاساسەن، شېن xنىڭ قىلمىشىغا بىرلەشتۈرگەندە، ئۇنىڭ قىلمىشى پاكىتنى ئويدۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇپ، تۆلەم پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 266- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ، ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىدۇ». بېيجىڭ شەھىرى لۇڭجى ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى ليۇ شۇسېن مۇنداق دېدى: شېن x مۇددەتلىك قاماق جازاسى، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جىنايى ئىشلار قانۇن جاۋابكارلىقىغا دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە سۇغۇرتا شىركىتى ۋە باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم بېرىشتەك ھەق تەلەپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇنداقتا، «قەستەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن قاقتى- سوقتى قىلىنغان»دىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىگىسى سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولامدۇ؟ ھادىسە يۈز بەرگەنلىكتىن كېيىنكى يىلدا تۆلەيدىغان سۇغۇرتا ھەققى ئۆرلەش ئەھۋالىدا، قانداق قىلىش كېرەك؟
سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر سوت مەھكىمىسى سۇغۇرتا ئالدامچىلىقى پاكىتىنى بېكىتكەن بولسا، جىنايەت ئۆتكۈزگەندىكى تاپاۋىتىنى سۇغۇرتا ئاپپاراتىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ھادىسىدىكى بارلىق تۆلەم سۇغۇرتا ئاپپاراتىغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇغۇرتا ئاپپاراتى بۇ دېلونى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە جۇڭگو بانكىسى سۇغۇرتا ئۇچۇر سۇپىسى ھەم سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى سىستېمىسىدا ھادىسە يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ قېتىمقى «ھادىسە» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيان، يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھەققى ئۆرلىگەندىكى پەرق سوممىسىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن سۇغۇرتا ئالدامچىلىقىنى يولغا قويغۇچىدىن ئالاقىدار ھوقۇق- مەنپەئەتنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
ساقچى تەرەپ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: شوپۇرلار قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، «قەستەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن قاقتى- سوقتى قىلىنغان» گۇمانى بولغان قاتناش ھادىسىسىگە يولۇققاندا، دەرھال 110غا تېلېفون بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى قەدەمدە ساقچىلارنى دېلو يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، دەلىل- ئىسپاتلارنى ياخشى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يول يۈرۈش خاتىرىسى ھەم نەق مەيداندا سۆزلەشكەن ئۈن- سىن خاتىرىسىنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك.
پايدىلانغان مەنبە: خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)