جاڭ فېييۆ
گۈل ئېچىلغاندا، مەن گۈل سىزدىم؛ گۈل توزۇغاندا، مەن ئۆزۈمنى سىزدىم. سىز كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى روھلۇق كۆرۈندىڭىز، مەن سىزنى سىزدىم؛ سىز كەتكەندە، مەن ئەسلىمىلەرنى سىزدىم.
يامغۇر چېلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىۋاتاتتى، يامغۇرنىڭ تۇمانلىرى مەھەللىدىكى نەقىشلىك شىپاڭنى ئوراپ تۇراتتى، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتىكى يامغۇر سۇ ئازگىلىغا تامچىلاپ چۈشۈپ، مەيىن دولقۇن ھاسىل قىلاتتى. مەن شىپاڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم، يېنىمدىكى سىڭلىم چاڭىلداپ سۆزلەۋاتاتتى، بۇ مەنزىرىگە ئازراقمۇ ماسلاشمىغانىدى.
نەچچە ئون مىنۇت ئىلگىرى، كەپسىز سىڭلىم سىرتقا چىقىپ ئوينايمەن دەپ غەلۋە قىلدى، مەن ئامالسىز ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلىدىم، ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا بوۋام مېنى چاقىرىپ، ماڭا بىر كۈنلۈك سۇندى. مەن دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم، ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، ھاۋانى نەم سوغۇق بولۇپ كەتكەنىدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ، كۈنلۈكنى ئالدىم، لېكىن ئىشىك يېپىلغان پەيتتە كۈنلۈكنى ئىشىكنىڭ سىرتىدىكى بۇلۇڭغا قويۇپ قويدۇم. مەن كۆڭلۈمدە: «بىر قولۇمدا سىڭلىمنى يېتىلەپ، يەنە بىر قولۇمدا كۈنلۈك تۇتىمەنمۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايمەن»، دەپ ئويلىدىم.
مەن شىپاڭ سىرتىدىكى قاتتىق يامغۇرغا قاراپ، خېلىغىچە گاڭگىراپ قالدىم. مەن كۈنلۈك ئېلىۋالمىغانلىقىمدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتاتتىم، لېكىن شۇ دەقىقىدە، يامغۇر ۋە تۇماندا بىر مېھرىبان سايىنىڭ ئاستا- ئاستا روشەنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
«بوۋا!» سىڭلىم يامغۇرغا ئېتىلىپ چىقىپ، بوۋامنىڭ كۈنلۈكىنىڭ ئاستىغا كىرىپ، ئۇنى قۇچاقلىۋالدى. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭ كۈنلۈكىنىڭ ئاستىغا كىرىپ ئۇنى قۇچاقلاپ، سىڭلىمغا ئوخشاش تاتلىققىنە «بوۋا» دەپ چاقىرماقچى بولدۇم. لېكىن ئەمدىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، دەرھال توختاپ قالدىم. مەن ھاياجانلانغان چىراي ئىپادەمنى يىغىشتۇرۇپ، قورقۇنچاقلىق بىلەن ئۇ سۇنغان كۈنلۈكنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالدىم. بوۋامنىڭ كۈنلۈكى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، خۇددى ئۈمىد، نۇر، ئىللىقلىق ئېلىپ كەلگەندەك ئىدى.
دېرىزە سىرتىدىن يەنە بىر قېتىم تامچىلىغان يامغۇر ماڭا مېنى تەسىرلەندۈرگەن دەقىقىلەرنى ئەسلەتتى.
دېرىزە ئالدىدا تۇرغان مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ موي قەلەمدە خەت يېزىشنى پۈتۈن زېھنى بىلەن مەشىق قىلىۋاتقان بوۋامغا قاراپ، دادامنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭغا قانداق دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا، كۆزلىرىم ئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ: «موماممۇ شىپاڭدا، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ»، دېدىم. گېپىم تۈگىشىگىلا بوۋامنىڭ قوشۇمىلىرى تۈرۈلدى، كۆزلىرىدىن چاقنىغان نۇر ئالدىنقى قېتىم كۆرگىنىم بىلەن ئوپمۇئوخشاش ئىدى. بوۋام چوڭ كۈنلۈكنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ كېتىۋېتىپ، مومامنىڭ سىرتقا چىقسىمۇ كۈنلۈك ئېلىۋالمىغانلىقىدىن ئاغرىندى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ مىيىقىمدا كۈلدۈم. بىردەمدىن كېيىن، مەن دېرىزە سىرتىدىن بوۋامنىڭ مومامنىڭ كەينىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئىككى- ئۈچ تامچە يامغۇر تامچىسى مومامنىڭ مۈرىسىگە چۈشتى، بوۋام قولىنى سوزۇپ سۈرتىۋەتمەكچى بولغىنىدا، كىيىمگە سىڭىپ كەتتى. بەلكىم ئۇ يامغۇر تامچىسى بوۋام چوڭ كۈنلۈككە بەرگەن ئىللىقلىقىنى، چوڭ كۈنلۈكنىڭ ئىللىقلىقىنى، چوڭ كۈنلۈكنىڭ ئۈمىدىنى ئېلىپ، مومامنىڭ سايىسىگە، ھەتتا مېنىڭ سايەمگە كىرىپ، ئىللىق ئېقىم قەلبىمدە مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بولۇشى مۇمكىن.
دېڭىز ئۈستى ئۆركەشتە، ئاستى ئەمما جىممىدە. ئېيتتۇق ناخشا چالدۇق نەي، بىز دېڭىزنىڭ ئۈستىدە. بۇ ھاياتمۇ ئاي كەبى تولۇن كەمتۈك بەزىدە، ئۆتەركەنمىز ھامىنى ھىجران- ۋىسال ئىلكىدە. گەرچە بوۋام بىلەن ئىككىمىز ھازىر ئايرىلىپ كەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھەر قېتىم يولدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چوڭ كۈنلۈكىنى كۆرگىنىمدە، بوۋامنىڭ سىيماسى ئىختىيارسىز كاللامدا پەيدا بولىدۇ. بوۋام قەلبىمدىكى ئەڭ گۈزەل، قەلبىمگە، ھاياتىمغا ئورناپ كەتكەن ئەسلىمە.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: فۇجيەن جياڭشيا شۆيۈەنى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)