غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، مەززىلىك تائاملار توغراق بىلەن تەڭ جۇلالاندى
12:29:06 2024-10-23 قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

− 5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 14- نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىدىن كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىز

سۈرەتتە: 5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 14- نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمىدىكى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى نەق مەيدانى.

 10- ئاينىڭ 19- كۈنى، 5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 14- نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى باشلاندى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاناركۆل مەنزىرە رايونىغا جەم بولۇپ، توغراقنىڭ گۈزەللىكى ۋە سىرلىقلىقىنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، مارالبېشىنىڭ مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تەگدى.

 ئاناركۆل مەنزىرە رايونى دەرۋازىسىدىن كىرىپ، ئەگرى- بۈگرى چىغىر يولدا سەيلە قىلغاندا، جىمجىت كۆل كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. كۆل سۈيىنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۆل سۈيى زۇمرەتتەك جىمىرلاپ، كۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ۋە ئەتراپتىكى توغراقلىقنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. شۇ تاپتا، توغراقلىق ئاددىي رەڭلەر بىلەن ئورالغان بولماستىن، بەلكى ئالتۇن رەڭ بىلەن يېشىللىق گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈرگەنىدى. بىر قىسىم دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئالتۇن رەڭگە كىرىپ جۇلالىنىپ تۇراتتى؛ يەنە بىر قىسمى بولسا يازنىڭ ئىللىقلىقىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندەك، ياپيېشىل ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇراتتى.

 «دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى توغراقلىق كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدۇ، قاتلاملىرى ئەڭ مول بولۇپ، سۈرەتكە تارتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن مەن ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتتىم، ھەربىر پارچە سۈرەت خۇشاللىققا تولغان»، دېدى گۇاڭدۇڭ ماۋمىڭدىن كەلگەن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى سەي جيەنفېڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

 مارالبېشى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تاۋ جۈنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمى كەڭ ساياھەتچىلەرگە مول مەزمۇنلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى قانغۇچە ھېس قىلالايدۇ.

 «دوستلار قاراپ بېقىڭلار، قولدا ياسالغان قوزا قونچاقنىڭ بەزىلىرىگە ساپ قوي يۇڭى، بەزىلىرىگە كۆپتۈرگۈچ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، سىرتقى قەۋىتى قوي يۇڭى». تىجارەتچى تاھىر ئەركىن ساياھەتچىلەرگە توختىماي چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، يايما ئورنىدىكى بۇ قوزىلار خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنەتتى، شەكلى ئىنتايىن ئوماق بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى.

 ئاناركۆل مەنزىرە رايونىدىكى قەدىمىي يول كۈچ سىنىشىش مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەن بولۇپ، مەيدان ئىچىدە، فوتوگرافلار پالاس ئۈستىدە يېتىپ چېلىشىش جەريانىدىكى نادىر كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتتى؛ مەيدان سىرتىدا، رىياسەتچى مەستانىلىرى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىككە قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن تەرەپ بىلەن كۆك رەڭلىك كىيىم كىيگەن تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلدۇرۇۋاتاتتى؛ ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى مەيدانى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، كۆپچىلىك مۇسابىقىگە ئەگىشىپ تەڭ ھاياجانلاندى ياكى چاۋاك چالدى، يەنە نۇرغۇن ساياھەتچى يان تېلېفونىنى چىقىرىپ ئېسىل كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتتى.

 رايونلار ئارا ئاپتوموبىل ئۆچرەت تۇرۇش نۇقتىسىدا دارۋاز ھەسەن مەمەت تەڭشەكنى تۇتۇپ مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ سالماق قەدەم بىلەن ئارغامچىغا چىقتى. ئۆچرەتتە تۇرغان ساياھەتچىلەر بۇ كۆرۈنۈشلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، بەس- بەستە يان تېلېفونلىرىنى ئېلىپ خاتىرە قالدۇردى. ھەسەن مەمەتنىڭ بوشلۇقتا بىردەم ئالدىغا، بىردەم كەينىگە مېڭىپ كۆرسەتكەن خەتەرلىك ماھارەتلىرى ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى. «مەن 16 يېشىمدىن باشلاپ ھازىرغىچە 20 نەچچە يىل دارۋازلىق قىلدىم»، دېدى ھەسەن مەمەت.

 مەنزىرە رايونىدا كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى «يىپەك يولىدىكى كاتتا زىياپەت . ئەڭ چوڭ تونۇر» يىپەك يولىدىكى تۇنجى تونۇر پۈتۈن تۆگە گۆشى كاۋىپى بولۇپ، كىران ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلگەندە، كاۋاپنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ھەممە يەرگە تارالدى. كىران بىلەن پۈتۈن تۆگە گۆشى كاۋىپىنى تونۇردىن تولۇق تارتىپ چىقىرىشقا ئەگىشىپ، ئالتۇن رەڭلىك پۈتۈن تۆگە گۆشى كاۋىپى كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىدى. كاۋاپ يەر يۈزىدىكى ئاشتاختا ئۈستىگە قويۇلغاندا، ساياھەتچىلەر ناھايىتى تېزلا ئولاشتى، سېتىۋالغۇچىلارمۇ كۆپ بولدى. «بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمى ناھايىتى مەنىلىك بولدى، مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلدى، مەززىلىك تائاملارنى كىشىلەر ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاشتى»، دېدى ئاقسۇلۇق ساياھەتچى جاڭ ۋېنيۈ.

 بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمىدا بايرام كۆۋرۈك قىلىنىپ، مارالبېشىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە قەشقەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلدى.

(مۇخبىرلار يۈ سىمىن، فېڭ پېڭپېڭ خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125