مىڭ يىللىق توغراق قۇملۇق مەنزىرىسى 5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 14- نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى باشلاندى
12:29:07 2024-10-23 قەشقەر ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

سۈرەتتە: باشلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانى.

10- ئاينىڭ 19- كۈنى، «مىڭ يىللىق توغراق قۇملۇق مەنزىرىسى» 5- نۆۋەتلىك شىنجاڭ قەشقەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى توغراق بايرىمى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ 14- نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى مارالبېشى ناھىيەسىدە باشلاندى، پوسكام ناھىيەسى، يەكەن ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئالاقىدار پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتى ساياھەتچىلىكنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تۈۋرۈك كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرىدىغان خەلقنى بېيىتىش كەسپى، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت كەسپى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىناقلىق كەسپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە خەلق ئۆرپ- ئادىتى ساياھەت مەنزىلگاھى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، 10 مىليارد دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت كەسىپ توپى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ساياھەت كۈچلۈك رايونى بەرپا قىلىپ، «قەشقەرگە كەلمىسە، شىنجاڭغا كەلگەن ھېسابلانمايدۇ» دېگەن گۈزەل نام كارتىسىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇشتىكى يەنە بىر تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى توغراق بايرىمى بۇ يىل 11- ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدىكەن، بۇ مەزگىلدە مارالبېشى ناھىيەسى «توغراق تيەنلۇ يولىنىڭ مەنزىرىسى چەكسىز» تېمىسىدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىپ جەم بولۇش مۇسابىقىسى، «مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىش . قايناق ھېسسىياتنى داۋاملاشتۇرۇش» تېمىسىدىكى خەلق ئىچى ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ماھارەت كۆرىكى، «ئۈچ مىڭ يىللىق قەسەمدە چىڭ تۇرۇش» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇللۇق ئەمەلىي مەنزىرە تىياتىرى، «يىپەك يولىدىكى كاتتا زىياپەت . ئەڭ چوڭ تونۇر» تېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ تونۇردا پۈتۈن تۆگە كاۋىپى پىشۇرۇش پائالىيىتى، «توغراققا نەزەر سېلىش . گۈزەل مارالبېشىنى تاماشا قىلىش» تېمىسىدىكى تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ھېس قىلىش ساياھىتى، «ئوچاقنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاي قاينىتىش . تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش» تېمىسىدىكى دالىدا قونۇش پائالىيىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدىكەن. پوسكام، يەكەن، مەكىت ناھىيەلىرىمۇ ناخشا كېچىلىكى، ۋېلىسىپىت مىنىشتە بەسلىشىش مۇسابىقىسى، قۇملۇق چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن.

 (مۇخبىرلار يۈ سىمىن، فېڭ پېڭپېڭ خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125