ئۇخلاش ئالدىدا، قىزىم يالاڭ ئاياغ ئالدىمغا كېلىپ: «ئانا، مەن تەيفېڭ بورىنىنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن» دېدى.
مېنىڭ سەل ئاچچىقىم كەلدى. ھەي، بۇ كەپسىز قىز كىشىلەرنىڭ دەرد- ئەلەملىرىنى زادىلا بىلمەيدۇ- دە، ھەر قېتىم تەيفېڭ بورىنى چىقسا، كۆپلىگەن ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، كۆپلىگەن يەرلەرنى سۇ بېسىپ كېتىدۇ، تۆمۈريوللارنى سۇ ئېقىتىپ كېتىدۇ، ئائىلە ئاياللىرى بىر جىڭى نەچچە يۈەنگە ئۆسۈپ كەتكەن يازلىق بەسەيگە تەلمۈرۈپ ئاچچىقلىنىدۇ... لېكىن بۇ قىز تەيفېڭ بورىنىنى ياخشى كۆرىمەن دەيدىغۇ؟
«نېمىشقا؟» مەن ئاچچىقىمنى زورىغا بېسىۋالدىم.
«چۈنكى، بىر قېتىم تەيفېڭ بورىنى چىققاندا توك كېتىپ قالدى...»
«توك توختاپ قېلىشنى ياخشى كۆرىمەن دېمەكچىمۇ سىز؟»
«توك توختاپ قالسا، شام ياندۇرىمىز-دە».
«شامنىڭ قانداق ئالاھىدە يېرى بار؟» كۆڭلۈم بارا- بارا تىنچلاندى.
«مەن شامنى كۆتۈرۈپ ئۆيدە ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭسام، مېنى كىچىك پەرىشتىگە ئوخشاپ قالدىڭىز دېدىڭىز...»
AI ياسىغان
请输入图片描述
ئۇ نۇرغۇن يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى، مەن ئاخىر ھەيرانلىق ئىلكىدە جىمىپ قالدىم، قىزىم ئاشۇ بىر ئېغىز گېپىمنى ئېسىدە ئىزچىل چىڭ ساقلاپ كەلگەنىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزىنىڭ شام يورۇقىدا پەرىشتىگە ئوخشاپ قالغانلىقىدەك ئاشۇ تۇيغۇنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى، شۇ سەۋەبتىن تەيفېڭ بورىنى چىققان ئاشۇ كېچىنىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالغانىدى. پەرۋاسىزلا ئېيتىلغان بىر ئېغىز تەرىپلەش ئاشۇ ۋاقىت ۋە مۇھىتنى ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان ئەسلىمىگە ئايلاندۇرغانىدى.
ئاشۇ كېچىدە، بىر قىزچاق ئۆزىنىڭ پەرىشتىگە ئوخشايدىغانلىقىغا ئىشەندى؛ ئاشۇ كېچىدە، بىر ئانا ئاددىيغىنە تەرىپلەش ئارقىلىق بىر پەرىشتىنى بارلىققا كەلتۈردى.