ۋاڭ شياۋخۇڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى 10- ئاينىڭ 19- كۈنىدىن 21- كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ شىنجاڭدا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇش كېرەك.
ۋاڭ شياۋخۇڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6- شى ۋۇجياچۈ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئالاقىدار كەسىپلەر باغچە رايونى، تېرىقچىلىق بازىسى، كارخانا، مەھەللە ۋە گۇڭئەن ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق ياخشى پايدىلىنىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىرلەرنى كۆپرەك قوللىنىپ، ھەم ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەم بىر قاتار ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، كۆزلىمىنى، ئېشىشنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، چوڭقۇر قاتلام، كەڭ ساھە، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك. ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىخەتەر مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى سىياسىي ساداقەتمەنلىكىنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)