ئالدىنقى توققۇز ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى
ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇردى
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشقان بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇرغان.
1- ئايدىن 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى جەمئىي 175 مىليارد 730 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 15 مىليارد 550 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %9.7 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى سەككىز ئايدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى سىجىل تۈردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە، 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئالدىدا تۇرغان؛ 96 ناھىيە، شەھەر، رايون ئىچىدە، 62 ناھىيە، شەھەر، رايون ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولۇپ، گۇچۇڭ ناھىيەسى، بۇرچىن ناھىيەسى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان.
ئالدىنقى توققۇز ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ باج كىرىمى جەمئىي 102 مىليارد 870 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى سەككىز ئايدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت تېز بولۇپ، مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، بۇ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ھەم بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى، كارخانا ئۈنۈم ھالىتىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلانغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
ئاپتونوم رايون بويىچە باجدىن باشقا كىرىم جەمئىي 72 مىليارد 860 مىليون يۈەن ئورۇندالغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.9 ئېشىپ، بىرقەدەر يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 1.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانىلارنىڭ تىجارىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان مەمۇرىي- كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشتىن قىلىنغان كىرىم ۋە جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىشتىن قىلىنغان كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 1.6 پىرسەنت پوئېنت ۋە 15 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن، بۇ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنىڭ يېنىكلىتىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت- سودا مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
باجدىن باشقا كىرىم جەھەتتە، دۆلەت بايلىقى (مۈلكى)نى ھەقلىق ئىشلىتىش كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 0.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، بۇنىڭغا ئاساسلىقى كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش پايدىسىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى تۈرتكە بولغان. 1- ئايدىن 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش پايدىسى جەمئىي 12 مىليارد 390 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33.6 ئاشقان. 9- ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش پايدىسى 850 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.6 ھەسسە ئاشقان.
1- ئايدىن 9- ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى جەمئىي 472 مىليارد 480 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3 مىليارد 580 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %0.8 ئاشقان. خەلق تۇرمۇشى چىقىمى 367 مىليارد 340 مىليون يۈەن بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىم نىسبىتىنىڭ %77.7ىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، پەن- تېخنىكا چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.1 ئاشقان، تۇرالغۇ كاپالىتى چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان، قاتناش- تىرانسپورت چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشقان بولۇپ، بىردەك مۇقىم ئېشىش ساقلانغان.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)