شىنجاڭنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى 2 مىليارد 750 مىليون يۈەن ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى
23:57:37 2024-10-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 10- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، جەمئىي 2 مىليارد 750 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولغان.

 سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ بويىچە ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ئىلتىماسى 7098گە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسىدىمۇ تېز ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈپ، سۇنۇلغان ئىلتىماس جەمئىي 10 مىڭ 62گە يەتكەن. بۇ بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلار ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە سىياسەتنىڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنىمۇ نامايان قىلغان.

 ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ساھەسىدە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ياردەم پۇل بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي دۆلەت ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم پۇل بېرىش ئىلتىماسىدىن 52 مىڭى، ئاپتونوم رايون ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە يېڭىسىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇل بېرىش ئىلتىماسىدىن 27 مىڭى سۇنۇلدى. بۇ ئىلتىماسلار توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاشخانا ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاش، ئالماشتۇرۇشقا بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سودا ساھەسىدىكى بىر قاتار سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، سىياسەت «بىرىكمە تەدبىرى»دىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتى ۋە نەقلەشتۈرۈش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

 سۇپا قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سىياسەتنىڭ «كۆزنەك مەزگىلى»نى چىڭ تۇتۇپ، سودا ساھەسىدىكى «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈچ دەرىجىلىك كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەنە دۆلەتنىڭ سالماقنى ئاشۇرۇش سىياسەت تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى ھەم ياردەم پۇلى مەبلىغىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئاجرىتىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى. بۇ تەدبىرلەر ياردەم پۇلىنى نەقلەشتۈرۈش قەرەلىنى ئىلگىرىكىدىن 15 خىزمەت كۈنى قىسقارتىپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە قولايلىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

 ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىستېمال بازارلىرى سىجىل جانلاندى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى سودا تارماقلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يەنە يەرلىكنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەسىر كۈچى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بازارنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەتنىڭ ئادىل، ھەققانىي ۋە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125