ئاپتونوم رايون شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
ئىشەنچنى چىڭىتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 10- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. «كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە) ھەم بىڭتۇەننىڭ تۆت شى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار چوڭقۇر كېڭىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، كارخانىچىلار ۋەكىللىرىدىن 12 كىشى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، مالىيە- باج، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. ئەركىن تۇنىياز كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ھەم ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، پىكىر- تەكلىپلەرنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى مۇۋاپىق، ياخشى ھەل قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە قوللىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. سىياسەت، تۈر، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى تېزدىن تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، كارخانىلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش داۋامىدا چوڭ- چوڭ ئىشلارنى قىلماقتا، زور نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ سۇپا ھازىرلاپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئالاھىدە سىياسەتلەردىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى داۋامىدا دادىل ئىشلەش، بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىش، مەبلەغ سېلىشقا جۈرئەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. كەڭ كارخانىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشى كېرەك، شۇنداقلا كارخانىچىلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ پائال ئۈستىگە ئېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نۇرلان ئەبىلمەجىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. يىغىندا كېڭىشىش، چارە- تەدبىر كۆرسىتىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كېڭىشىش شەكلى بىلەن كېڭىشىش مەزمۇنىنى ماسلاشتۇرۇش، كېڭىشىش تەرتىپى بىلەن كېڭىشىش ئۈنۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشى، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشى داۋامىدا ئورتاق تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش مەسىلىلىرىنى ئورتاق ھەل قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەندى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، جەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا يوللاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتىمىز.
يىغىندا 3- قېتىملىق شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنىدىكى پىكىر- تەكلىپلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايون كارخانىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، جەمئىي 80 تۈرلۈك تەدبىرنى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە 60ى تاماملاندى، قالغانلىرى پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا.
يۈسۈپجان مەمەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، جۇ لىفەن، جارۇللا ھېسامىدىن، ليۇ خۇيجۈن، جىن جىجېن، با تۇ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)