شىنجاڭ باغ- ئورمانچىلىق ئۆلچەم سىستېمىسىنى رەتلىدى
يەرلىك ئۆلچەم 360 نەچچە تۈردىن 224 تۈرگە ئىخچاملاندى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق يەرلىك ئۆلچەم سىستېمىسى(باغ- ئورمانچىلىق ساھەسى)»نى ئېلان قىلىپ، باغ- ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى يەرلىك ئۆلچەمنى 360 نەچچە تۈردىن 224 تۈرگە ئىخچاملاپ، شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىق ئۆلچىمىنى سان كۆلەم تىپىدىن سۈپەت ئۈنۈم تىپىگە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان.
باغ- ئورمانچىلىق ئۆلچەم سىستېمىسى باشقۇرۇش، ئورتاق قوللىنىش ۋە تېخنىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرگە، ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇنقى، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى ھالقىلار بويىچە تارماق تۈرلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، ياڭاق، چىلان، ئۆرۈك، ئالما، نەشپۈت، ئۈزۈم، بادام، شىنمېي، جىغان، ئالقات، شاپتۇل، ئاناردىن ئىبارەت شىنجاڭدا ئاساسلىق تىكىلىدىغان 12 باغ- ئورمانچىلىق دەرەخ تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ھەم باشقا باغ- ئورمانچىلىق دەرەخ تۈرلىرىگىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ. دىققەت باغ- ئورمانچىلىقتىكى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جاينىڭ مۇھىتى، كۆچەت، سورت، باغ بەرپا قىلىش، ئۆستۈرۈش- پەرۋىش قىلىش، كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، سۇغىرىش- ئوغۇتلاش- پەرۋىش قىلىش، مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش، ساقلاش- توشۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بىر- بىرىگە يېقىن ئۆلچەملەر بىرىكتۈرۈلۈپ، ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ماس كەلمەيدىغان ئۆلچەملەر بىكار قىلىنىپ، نۇقتىلىق ھالقىلاردا كەم بولغان ئۆلچەملەر بېكىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ باغ- ئورمانچىلىق ساھەسىدىكى يەرلىك ئۆلچەم 360 نەچچە تۈردىن 224 تۈرگە ئىخچاملاندى (بېكىتىلىش ئالدىدا تۇرغان 34 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، بۇنىڭ بىلەن باغ- ئورمانچىلىق ئۆلچىمىدىكى گىرەلىشىپ كېتىش، تەكرارلىنىش، چۇۋالچاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىنىپ، باغ- ئورمانچىلىق ئۆلچىمىنىڭ سان- كۆلەم تىپىدىن سۈپەت- ئۈنۈم تىپىگە ئۆزگىرىشى، قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇشى، سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلىش قاراتمىلىقى، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇندى.
باغ- ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش باغ- ئورمانچىلىق تەرەققىياتىدىكى بىر تۈرلۈك ئۇل خاراكتېرلىك خىزمەت، باغ- ئورمانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇش ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاساسلىق تىكىلىدىغان 12 خىل دەرەخ تۈرىنى يېشىل ئۆستۈرۈش تېخنىكا قائىدىسى ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ خاس مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈشى ۋە مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش، سېتىش، سېتىۋېلىش بويىچە دەرىجىگە ئايرىشنى قائىدە خاراكتېرلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى؛ باغ- ئورمانچىلىق يەرلىك ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يەرلىك ئۆلچەملەر ئارىسىدىكى يۈرۈشۈشچانلىق ۋە مۇكەممەللىكنى كۈچەيتتى؛ شىنجاڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنى قۇرۇپ، باغ- ئورمانچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئەلالاشتۇردى؛ دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە «بادام قاتتىق پوستلۇق مېۋىسى ۋە مېغىزى» ئۆلچىمى، باغ- ئورمانچىلىق كەسپى ئۆلچىمى بويىچە «ھۆل پېتى يېيىلىدىغان ياۋروپا ئەينۇلىسى (شىنمېي)» «ئۈجمە مېۋىسى» ئۆلچىمىنى تۈزۈپ بېكىتىپ، شىنجاڭ باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۆلچەم «سۆز ھوقۇقى» بىلەن تەمىنلىدى.
ھازىرغىچە، شىنجاڭ باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى مېۋىلىك دەرەخ سورتىنى يېتىشتۈرۈش، كۆچەت يېتىشتۈرۈش- كۆپەيتىش، ئۆستۈرۈش- پەرۋىش قىلىش، سۈپەتنى دەرىجىگە ئايرىش، پىششىقلاش، ساقلاش- توشۇش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باغ- ئورمانچىلىق كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. 2023- يىلى شىنجاڭنىڭ مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 13 مىليون 780 مىڭ توننىغا يەتتى، باغۋەنلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 6200 يۈەندىن ئېشىپ، باغ- ئورمانچىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)