«ئۈچ ھېسابات» پۇختا ئىشلەندى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى
00:10:33 2024-10-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «ئۈچ ھېسابات» پۇختا ئىشلەندى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى

 − شىنجاڭنىڭ يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە نەزەر

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

 يېزا كوللېكتىپىنىڭ مەبلەغ، بايلىق، مۈلۈكتىن ئىبارەت «ئۈچ مۈلۈك»ى دېھقانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى. شىنجاڭدا، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشى بىرقەدەر ياخشى بولغان كەنتلەردە، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئومۇميۈزلۈك 20 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولدى، بۇ، «ئۈچ مۈلۈك»نى باشقۇرۇشنىڭ كەنت كوللېكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ مال- مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.

 پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەزەلدىن يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. 2022- يىللىق مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش خەۋپ- خەتىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان قەرزنى قەتئىي توسۇپ، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ «كىچىك خەزىنىسى»گە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق، تەقسىماتى مۇۋاپىق بولغان يۈرۈشۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنى تېخىمۇ تولۇق مال- مۈلۈك ھوقۇق- مەنپەئىتىگە ئىگە قىلىش» توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

 شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا بولىدۇكى، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك» مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش يولىغا مېڭىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشەنچلىك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 «سانلىق مەلۇمات ھېساباتى» ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاندى

 يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، تۈر كۆپ، مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل. بولۇپمۇ ئۇزاقتىن بۇيان ھېسابات باشقۇرۇش مۇكەممەل بولمىغاچقا، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىدە مۈلۈك ھوقۇقى ئېنىق بولماسلىق، ئۇزاق مەزگىل ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش، ئىسراپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 شۇڭا، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك» مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشتە، ئالدى بىلەن مۈلۈكنى تەكشۈرۈشتىن باشلاپ «قول سېلىش» كېرەك. شىنجاڭ يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار «سانلىق مەلۇمات ھېساباتى»نى ئېنىقلاشنى مۇھىم خىزمەت قىلىپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنىڭ تېگى- تەكتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت ھازىرلىدى.

 «كەنت بويىچە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كوللېكتىپ يېرى 6761 مو، مۈلۈك ئومۇمىي مىقدارى 20 مىليون 540 مىڭ يۈەن، نۆۋەتتە يەر ھۆددىگە بېرىش توختامىدىن 103 پارچە قېلىپلاشتۇرۇلدى، كۆلىمى 4516 مو بولدى.» بورتالا شەھىرى بىلىن خارمودۇن يېزىسى جۇكىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۇن يىڭچۇن كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى پىششىق بىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇكىن كەنتى كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى كۆپ قېتىم بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەم بىر- بىرلەپ تىزىملاپ توپلام تۈزۈپ، كەنت كوللېكتىپ مەبلىغىنىڭ ئاقما ھېسابات ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت كوللېكتىپ يېرىنىڭ كۆلىمى، ئورنى، ھوقۇق تەۋەلىكى ۋە پايدىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

 «ھازىر بار بولغان مۈلۈكنى ئېنىقلاپلا قالماي، يەنە مۈلۈكنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كېرەك.» سۇن يىڭچۇن مۇنداق دېدى: ھازىرقى كوللېكتىپ مۈلۈكنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، جۇكىن كەنتى كەنت كوللېكتىپ مۈلكىنى ئىشلىتىشنىڭ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان- بولمىغانلىقى، مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قېلىپلاشقان- قېلىپلاشمىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈردى ھەم بورتالا شەھەرلىك يېزا مۈلۈك ھوقۇقى سودا مەركىزىگە تايىنىپ، ھۆددىگە بېرىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەر بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جانلاندۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

 «سانلىق مەلۇمات ھېساباتى»نى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاش پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى جانلاندۇرۇشتا باسقان ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم بولۇپ قالدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ى بار %99.7 مەمۇرىي كەنت (مەھەللە) تېگى- تەكتىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى تاماملاپ، يېزا كوللېكتىپ مەبلىغىدىن جەمئىي 6 مىليارد 712 مىليون يۈەننى، كوللېكتىپ بايلىقىدىن جەمئىي 70 مىليون 892 مىڭ 600 مونى ئېنىقلىدى. %90.2 يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتى كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن ھېساباتنى ئايرىپ تەسىس قىلىشنى تاماملاپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ ھېساباتى، مالىيەسى، مۈلكى، قەرزىدىن ئىبارەت «تۆتنى ئېنىقلاش»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ مەبلىغىنى تەكشى يۆتكەش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشتىن تۈزۈم جەھەتتە ساقلىنىپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. 

 «تۈزۈم ھېساباتى»دا يېڭىلىق يارىتىلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

 يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنىڭ تېگى- تەكتىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، «ئۈچ مۈلۈك»نى قانداق قىلىپ ياخشى باشقۇرۇش «ئۈچ مۈلۈك»نى ياخشى ئىشلىتىش- ئىشلىتەلمەسلىكنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك. 

 ھەرقايسى جايلار ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، نۇرغۇن ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش چارىلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى، ئەڭ يادرولۇق ئىدىيە − تۈزۈمگە تايىنىپ، مۇكەممەل تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قەپەسكە سولاپ، «ئۈچ مۈلۈك»نى ھەقىقىي تۈردە كەڭ دېھقانلار ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

 «ئۈچ مۈلۈك»نى باشقۇرۇشتا مۇرەككەپ مالىيە مەلۇمات جەدۋىلىدىن مەسىلىلەرنى بايقىغىلى بولۇپلا قالماي، سانلىق مەلۇمات ئانالىزىغا تايىنىپ، توك ھەققى ئانالىزىنىڭ بىر پارچە تۈۋرۈكسىمان ئىسخېمىسىدىنمۇ باشقۇرۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن بىخ خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى بايقاپ، باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ يوچۇقلارنى ئېتىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. 

 بۇ، لوپ ناھىيەسى چارباغ بازىرىنىڭ كەنت كوللېكتىپى «ئۈچ مۈلۈك» مالىيە ھېسابات مەركىزىدىكى كۆرۈنۈش. خىزمەتچى خادىم مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز «ئۈچ مۈلۈك»نى باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىغا تايىنىپ، يېزا- بازارغا قاراشلىق بارلىق مەمۇرىي كەنتلەرنىڭ ھەر ئايلىق توك ھەققى سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىپ، ئوتتۇرىچە ساندىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولغان كەنتلەرگە خىزمەتچى خادىملارنى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا تەكشۈردۇق، بىز بۇ خىل باشقۇرۇش چارىسى ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپى ھېساباتىنى قېلىپلاشقان مالىيە تۈزۈمى بويىچە باشقۇرماسلىقتەك كۆپ خىل قىلمىشنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى ئەتتۇق. 

 باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ كەلگەن بىۋاسىتە ئۆزگىرىش بولسا يېزا مالىيەسىنى ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىشنىڭ ئىشتىن بۇرۇن نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشقا ئۆزگىرىشى بولدى.

 چارباغ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شياۋپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش جەھەتتە مەبلەغنى ھېساباتقا كىرگۈزۈش تەرتىپى، چىقىمنى ئانالىز قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، كۈندە ئېنىقلاش، ئايدا بوغۇش، پەسىلدە ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق قائىدە- تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكرار ھېساب ئۆتكۈزۈش، ساختا چىقىم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، «كەنت مالىيەسىنى كەنت باشقۇرۇش، كەنت ئىشلىتىشنى يېزا نازارەت قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق. 

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك» مەسىلىسىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، «ئۈچ مۈلۈك»نى باشقۇرۇش، «تۆتنى كېڭىشىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلدى، ھەرقايسى جايلار ۋە ھەرقايسى تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاپ كۈچەپ، كەنت كوللېكتىپ مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشتىكى يوچۇقنى ئەتتى، بولۇپمۇ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ياردەم پۇلى، يەر ئوبوروت پۇلى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئېنىقلاپ دەلىللەشنى تېزلەتتى، ھەرقايسى جايلار يەنە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكى ۋە يەر بايلىقىنى سۇپىغا چىقىرىپ سودىلىشىشقا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئاشكارا مەيدانغا كىرىش، باھادا باراۋەر رىقابەتلىشىش، ئادىل سودىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان تۈزۈم ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى.

 «ئەمەلىي ئىش ھېساباتى» ياخشى باشقۇرۇلدى، جانلاندۇرۇلدى

 مۈلۈك مۇقىم، كىرىم تۇراقسىز بولىدۇ. ياخشى تۈزۈم مۇھىتى بولغاندىن كېيىن قانداق قىلىپ «ئۈچ مۈلۈك»نى تېخىمۇ كۆپ قىممەت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى سىنىماقتا.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى دۇڭجياۋەن كەنتى پۈتۈن شىنجاڭدا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش چارىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئىگىلىكنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، «كەنت كوللېكتىپى + كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جانلاندۇرۇش، ياخشى ئىشلىتىش، جانلىق ئىشلىتىشتىن ئىبارەت «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، يۈرۈشۈشتە ئوچۇق- ئاشكارا بولۇش، ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش نىشانىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتتى.

 «پاينى مۇقىملاشتۇرۇپ، پايدا تەقسىملەشنى كېڭەيتتۇق.» دۇڭجياۋەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋۇ چاڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، كەنت كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنى پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇردى، پۈتۈن كەنتتىكى 1610 كەنت ئاھالىسى كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندى. كەنت يەرنى ئوبوروت قىلىش شەكلى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كەنت كوللېكتىپىغا پاي قىلىپ قوشتى، كەنت كوللېكتىپى كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنى يولغا قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تەقسىملەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت پاي ئىگىلىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى يەنە ئەتراپتىكى بىر قانچە كەنت بىلەن بىرلىشىپ، جىمىسار ناھىيەسى تيەنتىڭيۈەن تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، ھەرقايسى كەنتلەرنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش- سېتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

 دۇڭجياۋەن كەنتى ئايرىم مىسال ھېسابلانمايدۇ. جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خەن فېي مۇنداق تونۇشتۇردى: بىز ئاشكارا ئىجارىگە بېرىش ياكى مۈلۈكنى پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ بىكار تۇرۇپ قالغان مۈلكىنى جانلاندۇرۇپ، «پاي قوشۇپ تىجارەت قىلىش» «پاينى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش» «تىجارەتنى جانلاندۇرۇش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كوللېكتىپنىڭ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشىنى كۈچەيتتۇق. يەنە بانكا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق، «جانلىق ئىناۋەت بېرىش، خالىغان چاغدا قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىش، خالىغان چاغدا پۇل ئېلىش، دەرھال ئىشلىتىپ دەرھال قايتۇرۇش»تەك ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشنى «ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى» بىلەن تەمىنلىدۇق.

 «بۇ يىل ئەرگۇڭ بازىرىنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمىنى 40 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدۇق.» خەن فېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئەرگۇڭ بازىرىدا كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كەنت ئونغا، 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كەنت ئىككىگە يېتىدۇ، توققۇز كەنت كوللېكتىپى يىل ئاخىرىدا پاي پايدىسىنى تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 24 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ.

 كەنت كوللېكتىپ مۈلكى «ئەمەلىي ئىش ھېساباتى»نى ياخشى باشقۇرۇش، جانلاندۇرۇشتا يەنە تېخىمۇ كۆپ چارە ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىزدىنىشى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى- يېزا، تەبىئىي بايلىق، مالىيە قاتارلىق تارماقلىرى تارماقلار ئارا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ساھەلەرگە قارىتىلغان سىياسەت تەمىناتى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىنى زورايتىپ، تىرىشىپ بىرىكمە ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ كەنت كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، تېزلىكتە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125