«جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭنى كۆردۇق»
00:14:10 2024-10-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭنى كۆردۇق»

 − رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي

 10- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، رۇسىيە دۆلەت دۇماسى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرى، ياۋروپا- ئاسىيانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە رۇسىيە چياۋمىن ئالاقە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كالاشنىكوف باشچىلىقىدىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر جۇڭگو شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدى. ئۇلار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، مەدەنىيەت سورۇنلىرى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، كارخانا، چېگرا پورتى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. 

 ئۈرۈمچى شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن تۇنجى كۈنى، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر شىنجاڭ مۇزېيى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش سارىيىغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. شىنجاڭ مۇزېيىدا، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەپسىلىي ئېكسكۇرسىيە قىلدى، نەپىس يىپەك توقۇلما بۇيۇملاردىن قەدىمىي، ئاددىي بولغان مىس قوراللار دەۋرى بۇيۇملىرىغىچە، سىرلىق تاش غار تام رەسىملىرىدىن قىممەتلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگىچە، ھەر بىر كۆرگەزمە بۇيۇمى خۇددى بىر ئاچقۇچتەك، ئۇلار ئۈچۈن شىنجاڭ تارىخى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر پىلانلاش سارىيىغا كەلگەندە، بۇ جايدىكى زامانىۋىلاشقان نامايان قىلىش ئۇسۇلى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. غايەت زور قۇم مودېلى ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەرنىڭ پۈتۈن قىياپىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى جانلىق نامايان قىلىپ تۇراتتى.

 «ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ ھەمدە ئۈرۈمچىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى ئېنىق چۈشەندۇق، بۇنىڭدىن ئۈرۈمچىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، يىرىك پىلاندىكى تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەر چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنداق يىرىك پىلان باشقا شەھەرلەرنىڭ ئۆرنەك قىلىشى ۋە ئۆگىنىشىگىمۇ ئەرزىيدۇ» دېدى كالاشنىكوف.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، يۈك ئاپتوموبىللىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان كارخانىلارنىڭ بەلگىسى بېسىلغان نۇرغۇن يۈك ساندۇقلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى... ئالدىراش مەشغۇلات قىلىۋاتقان مەنزىرە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىي نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ھەرقايسى كۆرگەزمە تاختىلىرى ھەم كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.

 ئەتىر، ئۈنچە- مەرۋايىت، تېرە ئاسراش- گىرىم بۇيۇملىرى، كۈندىلىك ئائىلە بۇيۇملىرى... ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مېيلىنگوۋ باجدىن خالىي ئىمپورت تاۋارلار ھېس قىلىش مەركىزىگە كىرگەندە، ئادەتتىكى سودا تاۋارلىرى ۋە باجدىن خالىي تاۋارلار ماس قەدەمدە كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، 100 خىلدىن ئارتۇق ئىمپورت تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.

 «دۇكان بىلەن ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ ئارىلىقى پەقەت 30- 40 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، ئىستېمالچىلار توردا باجدىن خالىي تاۋارلارنى زاكاز قىلغاندىن كېيىن، تاموژنا ئەمەلىي ۋاقىتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ، ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىتتا تاۋار ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن ئايرىلىدۇ، تېز يوللانما يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، 24 سائەت ئىچىدە شۇ شەھەر دائىرىسىدە يەتكۈزۈلىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە ئۈچ كۈندە يەتكۈزۈلىدۇ.» شىنجاڭ خېچۇاڭ مېيشىن پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى زەيدۇللا تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بەس- بەستە تەرىپلىدى.

 قورغاس پورتىنىڭ 6- ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى ئالدىغا كېلىپ، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، قورغاسنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مۇھىم تايانچ نۇقتا بولۇش سۈپىتىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، رايون ئورنى، سىياسەت، ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

 جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ سودا- كېڭىشىش، تاۋارلارنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە سېتىش، ئامباردا ساقلاش- توشۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو- قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە 3- دۆلەت تاۋارلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىرىشى ئۈچۈن مۇھىم سۇپا ھازىرلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدا چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىقنىڭ كەڭ ئىستىقبالى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى.

 ئالتە شۇئار كوچىسىدىكى ئالېكساندىر ئاككوردىيون يىغىپ ساقلاش سارىيىدا، سارايدا كۆرگەزمە قىلىنغان 800دىن ئارتۇق ھەر خىل ئاككوردىيون خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئىنتايىن جەلپ قىلدى. بۇ ئاككوردىيونلار 20 نەچچە دۆلەتتىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاسارئەتىقە دەرىجىلىك قىممەتلىك بۇيۇملار خېلى كۆپ. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ساراينىڭ ئەڭ ئەتىۋارلىق گۆھىرى − 190 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي ئاككوردىيونغا ئالاھىدە قىزىقىپ، بەس- بەستە قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلاندى ھەمدە نەق مەيداندا ئورۇنلانغان ئاككوردىيون مۇزىكىسىنى ئاڭلىدى.

 «بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە ئارقىلىق مەن ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆردۈم، بۇ جايدا تۆمۈريول، تاشيوللار گىرەلىشىپ كېتىپتۇ، پورتلاردا ئاپتوموبىل، ئادەملەر توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرىدىكەن، كىشىلەر باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارلارنى سېتىۋېلىپ، مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولىدىكەن. مەن بۇ جاينىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدىم، شۇنداقلا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان شىنجاڭنى كۆردۈم» دېدى كالاشنىكوف.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125