«ياشانغانلارنىڭ بۇ ھوقۇق- مەنپەئەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر (1) | ئالتە پەرزەنتى بار 70 ياشلىق بوۋاي باققۇچىسىز قالدى
17:54:36 2024-10-23 تىيانشان تورى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى گۇ شۆلى، ئىختىيارىي مۇخبىر شى خاۋشۈەن

 ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، ياشانغانلارنى بېقىش، ياشانغانلارنى ئاسراش جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن قانۇنىدا ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن. بۇ يىل 10- ئاي دۆلىتىمىزنىڭ 15- قېتىملىق ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ئېيى. 10- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى «ياشانغانلارنىڭ بۇ ھوقۇق- مەنپەئەتلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ياشانغانلارنى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كىشىلەرنى ئائىلە مەسئۇلىيىتى ۋە جەمئىيەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، ياشانغانلارنى ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

 تۇ XX ئالتە پەرزەنتىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پەرزەنتلىرىگە يۈك بولۇپ قالىدىغانلىقى، ياشانغاندا يۆلەنچۈكسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

 تۇ XX ئىلگىرى خوتۇنى ئەي XX بىلەن چىقىشالمىغانلىقتىن ئاجرىشىپ كەتكەنىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئالتە بالىنى بېقىپ چوڭ قىلدى ھەم ئۇلارنىڭ ئۆي- ئوچاقلىق بولۇشىغا ياردەم بەردى.

 تۇ XX پەرزەنتلىرىگە يۈك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ئۆزى يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. لېكىن 70 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن، تۇ XX بارغانسېرى ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقلۇقىنى ھېس قىلدى، ئۇ كۆپ قېتىم پەرزەنتلىرىگە يۈرەك سۆزىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىرمۇ پەرزەنتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمىدى.

 بۇ يىل 8- ئايدا، تۇ XX ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئوتبېشى خەلق سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، سوت مەھكىمىسىدىن ئالتە پەرزەنتىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىشنى، ھەر بىر پەرزەنتىنىڭ ھەر ئايدا ئۇنىڭغا 800 يۈەن قاراش ھەققى بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

 دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى سوتچى تۇ XXنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، دەۋا تەرتىپى بويىچە ماڭسا دەۋا يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتقا ئەرز قىلسا تۇ XX بىلەن پەرزەنتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنىڭ تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، دەۋادىن ئىلگىرى مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلدى.

 8- ئاينىڭ ئاخىرى، سوتچى كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، تۇ XX ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوتبېشى خەلق سوتىدا «جەم قىلدى».

 «مەن ھازىر ياشىنىپ قالدىم، يەنە نەۋرىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغۇدەك ماغدۇرۇم يوق، دادام كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۈچىنچى ئىنىمغا يان بېسىپ كەلدى، ھازىر ئۈچىنچى ئىنىم كۆپرەك كۈچ چىقىرىشى كېرەك». چوڭ قىزى مەيXX سوتچىنى كۆرۈپلا دەردىنى تۆكۈشكە باشلىدى.

 «مەنمۇ دادامنىڭ بىزنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلىشىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭغا كۆپرەك ۋاپادار بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ھازىر ئىككى بالام داشۆدە ئوقۇۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي بېسىمىم بەك ئېغىر، مەن دائىم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىمەن، دادامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايمەن». ئۈچىنچى ئوغلى ئا XX ئامالسىز ھالدا شۇنداق دېدى.

 مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، تۇ XXنىڭ ئالتە پەرزەنتى ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىر- بىرلەپ بايان قىلدى، تۇ XX بىر چەتتە تۇرۇپ توختىماي ئاھ ئۇردى.

 سوتچى ئالتە كىشىنىڭ پىكرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىغاندىن كېيىن، پەرزەنتلەر پۈتۈنلەي ۋاپاسىز ئەمەس، پەقەت تۇرمۇش بېسىمى تۈپەيلىدىن دادىسىغا قاراشقا چولىسى تەگمىگەن، دەپ قارىدى.

 «قاغا چېغىدا چوڭ بولغاندىن كېيىن ئانىسىغا ئوزۇق بېرىدۇ، قوي ئانىسىنى ئەمگەندە ئالدى پۇتىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. سىلەر قېرىغاندا، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىسىلەر؟» سوتچىنىڭ سۆزى كۆپچىلىكنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. تۇ XXمۇ پەرزەنتلىرىگە بۇ يىللاردىن بۇيان ئىزچىل كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن گەپلەرنى قىلدى، بۇ گەپلەرنىڭ ئىچىدە ئىلگىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكەن ئەسلىمىلىرىمۇ، شۇنداقلا پەرزەنتلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىمۇ بار ئىدى، بۇلارنى ئاڭلاپ بۇ بىر قانچىسىنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزاردى.

 «ئاتا- ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى بولۇپلا قالماي، يەنە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك قانۇنىي مەجبۇرىيىتى». سوتچى تۇ XXنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتۈش، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىشلىرىنى دوستانە كېڭىشىش، بىر- بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش- تارتىش قىلىپ دادىسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى.

 تۇ XXنىڭ پەرزەنتلىرى ئاستا- ئاستا قايىل بولدى. كېڭىشىش ئارقىلىق كۆپچىلىك ھەر بىر ئادەم ھەر ئايدا دادىسىغا 400 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىش ھەم ھەر ئايدا نۆۋەتلىشىپ دادىسىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

 قانۇن ماددىسى ئۇلانمىلىرى:

 «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 26- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدا، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا- ئانىسىنى كۈتۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، دەپ بەلگىلەنگەن.

 1067- ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدا، قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنت ئاتا- ئانىسىنى كۈتۈش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، ئەمگەك ئىقتىدارى يېتەرسىز ياكى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئاتا- ئانا قۇرامىغا يەتكەن پەرزەنتىدىن كۈتۈش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125