يىللىق سۇغۇرتىلاش سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا جەمئىي 4 مىليون يۈەن
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي) 10- ئاينىڭ 22- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىپىدىكى سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى − «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ چوڭ كېسەل، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىدۇ.
10- ئاينىڭ 22- كۈنى، «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بېي فوتوسى
«خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ئۈرۈمچى شەھىرىگە خاس بولغان، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىپىدىكى سودا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدۇر. ئىختىيارىي بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر توپى (ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەنلا چەكلىنىدۇ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنمىغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تولۇقلىما بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
«خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» (ئاساسىي نۇسخىسى)نىڭ سۇغۇرتا ھەققى ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 99 يۈەن، «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» (دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى)نىڭ سۇغۇرتا ھەققى ھەر بىر ئادەمگە يىلىغا 159 يۈەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشچى- خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شەخسىي ئىسچوت قالدۇقىدىن ئۆزى ھەم بىۋاسىتە تۇغقانلىرى (ئاتا- ئانىسى، جورىسى ۋە پەرزەنتلىرى)نى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ ھەق تاپشۇرۇشنى قوللايدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي نۇسخىدىكى «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى»نىڭ كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى شەخسلەر ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش مۇندەرىجىسى سىرتىدىكى شەخسلەر ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەت، ئالاھىدە يۇقىرى سوممىلىق دورا خىراجىتىدىن ئىبارەت جەمئىي ئۈچ چوڭ تۈرگە كاپالەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يىللىق سۇغۇرتىلاش سوممىسى جەمئىي 3 مىليون يۈەن بولىدۇ.
دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىدىكى «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى» بەش چوڭ تۈر بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش مۇندەرىجىسى ئىچىدىكى شەخسلەر ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىش مۇندەرىجىسى سىرتىدىكى شەخسلەر ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەت، ئالاھىدە يۇقىرى سوممىلىق دورا خىراجىتى، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەلنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان يۇقىرى سوممىلىق دورا خىراجىتى ھەم CAR-T (ئۆسمىنى داۋالايدىغان يېڭى تىپتىكى دەل جايىدا نىشانلىق داۋالاش ئۇسۇلى) دورا خىراجىتى كاپالىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يىللىق سۇغۇرتا سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا جەمئىي 4 مىليون يۈەن بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ مەنپەئەتلىنىش دائىرىسى كەڭ.
«خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى»غا قاتنىشىشتا ياش، ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخى، سالامەتلىك ئەھۋالى، كەسىپ تۈرى، تىپى قاتارلىق چەكلىمە شەرتلەر تەسىس قىلىنمايدۇ. ئەگەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئوبيېكتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسا، ئۇنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيسى سېتىۋالىدۇ.
سۇغۇرتىلىتىش مۇددىتى ھازىردىن باشلاپ 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇ تۈردە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مۇددىتى ئىچىدە مەركەزلىك سۇغۇرتىغا قاتنىشىش يولغا قويۇلىدۇ، بىر تۇتاش كۈچكە ئىگە بولىدۇ. سۇغۇرتا مۇددىتىدە بۇ تۈرنىڭ سۇغۇرتىلاش مۇددىتى بىر يىل، سۇغۇرتىلاش مۇددىتى 2025- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0دىن 2025- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 24كىچە بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار «خۇڭسەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سۇغۇرتىسى (红山惠民保)» ئاممىۋى نومۇرىغا دىققەت قىلىپ، كونكرېت ئىشلارنى چۈشەنگەندىن كېيىن سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)