6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشلىق سودا يەرمەنكىسىدە شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان سودا سوممىسى 9 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولدى
15:49:30 2024-10-23 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاشلىق سودا يەرمەنكىسى ۋۇخەندە ئاياغلاشتى، شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى جەمئىي 9 مىليارد 100 مىليون يۈەنلىك مەبلەغ سېلىش ۋە سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا پۈتۈشۈلگەن ئاشلىق سودا مىقدارى 1 مىليون 159 مىڭ 700 توننا، پۈتۈشۈش سوممىسى 3 مىليارد 67 مىليون يۈەن بولدى.

 بۇ نۆۋەتلىك ئاشلىق يەرمەنكىسىدە شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندىكى 150تىن ئارتۇق ئاشلىق- ياغ ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى 140 تۈردىكى 400 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق- ياغ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئاشلىق- ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرى ئارىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق- ياغلىرى» ماركىسىنى نامايان قىلدى.

 سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە شىنجاڭ 700 كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە رايونى بەرپا قىلىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئۇن، نان، قىچا مېيى قاتارلىق ئاشلىق- ياغ مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇنى، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، خېمىر سەنئىتى ئويۇنى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئاشلىق- ياغ كەسپىگە سودىگەر چاقىرىش ۋە مەھسۇلات سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى ئاشلىق- ياغ كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلدى.

 شىنجاڭ كۆرگەزمە ئۆمىكى يەنە شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق- ياغلىرى مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئاشلىق- ياغ مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق- ياغ كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ئاقىل ئامباردا ساقلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.

 كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەرقايسى كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىش- سېتىشى قوش جانلاندى، غۇلجا، سانجى، چۆچەك، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئاشلىق- ياغ پىششىقلاش كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن ئاشلىق- ياغ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش، ئاشلىقنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ـ ياغ كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش سۇپىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى پىششىق بىلدى.

 شىنجاڭ ئەلنۇرى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى خاڭجوۋ، ۋۇخەندىكى ئىككى شىركەت بىلەن 30 مىليون يۈەنلىك ئۇن سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ئالىم نىياز مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسىدە شىركەت دەسلەپكى پىششىقلانغان، ئىنچىكە پىششىقلانغان قاتارلىق 40 نەچچە خىل ئاشلىق- ياغ مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمە قىلىپ، نەق مەيداندىكى ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ناھايىتى ياخشى سېتىش نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى، «شىنجاڭنىڭ ياخشى ئاشلىق- ياغلىرى» دېگەن داڭلىق ماركا كارخانىمىزنىڭ تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بەردى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىم تەمىناتىنى ياخشى تۇتتى.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو لىڭ خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125