10- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى (شەھەرلىك سەھىيە نازارەتچىلىك ئورنى) مۇنداق ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەندە ئاسانلا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار كۆپ كۆرۈلىدۇ، قار- يامغۇر يېغىپ يوللار مۇز تۇتۇپ كەتكەندە ئاسانلا تېيىلىپ يىقىلىپ يارىلىنىش كېلىپ چىقىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاۋارايىغا قاراپ كىيىنىشىنى، تېيىلىپ يىقىلىپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىرىنچى، نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى
كۈز ۋە قىش پەسلى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل بولۇپ، تېمپېراتۇرا تۇيۇقسىز تۆۋەنلىگەندە ئاسانلا يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ. تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆينىڭ دەرىزىلىرىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئازىيىدۇ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ناچارلىشىدۇ، ئاسانلا تارقىلىشچان زۇكام، تارقىلىشچان قۇلاق ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.
قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سىرتقا ئاز چىقىش، كىشىلەر توپلاشقان جايغا بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم، تېنى ئاجىز كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ماسكا تاقىۋېلىشى كېرەك؛ چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە قەغەز بىلەن ئېغىز- بۇرۇننى توسۇۋېلىش، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرمەسلىك، ئىشلەتكەن قەغەزنى خالىغانچە تاشلىماسلىق؛ ئىككى قول نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلار بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، دەرھال قولنى يۇيۇش ياكى پاكىز سۈرتۈش؛ ئەتراپىدا نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى بار ئاغرىقلار بار بولغان ئەھۋالدا، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش، دېرىزىنى ئاچقاندا ئۆتۈشمە شامالدىن ساقلىنىش، ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش؛ كۆپرەك سۇ ئىچىپ، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن ھامان، ئاغرىقلار ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى، دەم ئېلىش ۋە ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، باشقىلار بىلەن كۆپ ئۇچراشماسلىقى، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى، يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى
ئادەم بەدىنى تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ، پۈتۈن بەدەندىكى قىل قان تومۇرلار قىسقىراپ، ئېغىرلىق مەركىزى، مېڭە يۈكى ئېشىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ، مېڭىگە قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەي، قان نۆكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئادەم بەدىنى سۇنى كۆپ خورىتىپ، ئاسانلا قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاننىڭ ئېقىشى ئاستىلايدۇ، سوغۇق ھاۋادا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە مېڭە سەكتىسىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلار ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى، ھاۋا سوۋۇغاندا، سىرتقا چىقىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى؛ زۇكام ۋە باشقا كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشى؛ سوغۇق ھاۋادا سىرتقا چىققاندا، سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈشى؛ سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىشىك ئالدىدا بىردەم تۇرۇۋېتىپ، مۇھىتقا ماسلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن مېڭىشى؛ ھەرىكەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىشى كېرەك.
قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
يۈرەك- مېڭە قان تومۇر كېسىلى ئاغرىقلىرىدا كېسەل قوزغالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئاغرىقنى ئاددىي بىر تەرەپ قىلىش، ئاغرىقنىڭ بەدىنىنى ياخشى جايلاشتۇرۇپ، تۈز ياتقۇزۇپ، چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى يېشىپ، ئۇنىڭ نەپەسلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە سوغۇق ئۆتكۈزۋالماسلىققا دىققەت قىلىش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرھال 120 جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، تېزدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، تېيىلىپ يىقىلىپ يارىلىنىش
قار ياغقان كۈنى يول تېيىلغاق بولۇپ كەتكەچكە، يىقىلىپ يارىلىنىش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ.
قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
زۆرۈر بولمىغان سەپەرگە چىقىشنى ئازايتىپ، ئامال بار مۇز تۇتمىغان يوللارنى تاللاش كېرەك. ماڭغاندا ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەن قويۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يان تېلېفونغا قارىماسلىق كېرەك. ماڭغاندا ئۇششاق قەدەم بىلەن ئاستا مېڭىش،جىددىي ئايلانماسلىق ياكى تۇيۇقسىز توختاپ قالماسلىق كېرەك. يول ماڭغاندا ئىككى قولنى يانچۇققا سالماسلىق كېرەك، ئىككى قولنى ئىككى ياندا ئۇياق- بۇياققا پۇلاڭلىتىپ ماڭغاندا بەدەننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك ماددىسى بىر قەدەر بوش بولۇپ، يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن پۇت- قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بېلىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سۆڭەك سۇنغان- سۇنمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر پۇت- قوللارنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ياكى مىدىرلىيالمايدىغان، قاتتىق ئاغرىيدىغان ئەھۋاللار بولسا، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىپ 120نى چاقىرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئەگەر قاناش ئەھۋالى بىر قەدەر كۆپ بولسا، پاكىز لۆڭگە ياكى شارپا بىلەن بېسىپ تېڭىپ، قان توختىتىش كېرەك.