2024- يىللىق «ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەر» توردا باھالاش ھالقىسىغا كىردى
13:31:14 2024-10-24 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى جانلىق قىممەت قارىشى، كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئاكتىپ كۈچتۇر. بۈگۈندىن باشلاپ 2024- يىللىق «ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەرنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن» تېمىسىدىكى توردا سايلاش پائالىيىتى باھالاش ھالقىسىغا كىردى، سىزنى ئەتراپتىدىكى ياخشى كىشىلەر، ياخشى ئىشلارنى توردا باھالاشقا تەكلىپ قىلىمىز.

 مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 21- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇقرالارنى ئەخلاققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش، ئەخلاققا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەش ئۈچۈن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەرنى كۆرسىتىمەن، باھالايمەن» تېمىسىدىكى توردا سايلاش پائالىيىتىنى باشلىغان.

 ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئاساسىي قاتلام كۆرسىتىش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، سىياسىي تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش، قايتا باھالاپ تاللاش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق بۇ قېتىم باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە يارىتىش، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت بەش تۈر بويىچە 20 نەپەر «ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەر» تەكلىپ نامزاتى توردا باھالاش ھالقىسىغا كىردى.

 بۈگۈندىن باشلاپ 10- ئاينىڭ 27- كۈنىگىچە بۇ 20 نەپەر «ئۈرۈمچىدىكى ياخشى كىشىلەر» تەكلىپ نامزاتىنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى  ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى «مەدەنىي ئۈرۈمچى»، شىنجاڭ تورى، ئۈرۈمچى مەدەنىيلىك تورى PC تېرمىنالىدا نامايان قىلىش، باھالاش مەخسۇس بېتى ئېچىلىپ، بىر ھەپتە مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، كەڭ ئاممىنىڭ باھالىشى قوبۇل قىلىنىدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125